تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى −
جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز
□しろいしかく ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار كەينى - كەينىدىن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىدى. ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇھىم قوللانما قىلىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى:
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەيمىز
9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپا(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى:
خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرىمىز
9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپا(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن يىللىق سانائەتنى ئاشۇرۇش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە تېخىمۇ پۇختا ئىستىل ئارقىلىق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا بىرتۇتاش تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ كارخانىلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا سىجىل تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى:
ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بايلىقنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز
9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى تۇتقا قىلىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، باغۋەنچىلىك كەسىپ زەنجىرى، ئۈزۈم ھارىقى كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بايلىقنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئورمان، ئوتلاق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى:
ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز
9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللىشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەر توپى تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار ئېھتىياجى بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئادەم كۈچى بايلىقى تىرىكى ۋە ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
(مۇخبىر ساۋ خۇا، قاتناشقان مۇخبىرلار سۈي يۈنيەن، گو لىڭ، ما يىنىڭ، لى جيانى، گاۋ فېڭ)
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991