ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىخەۋەر مەركىزىشىنجاڭ

بوۋامنىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش دەرسلىكىدىن مېنىڭ VR دەرسخانامغىچە

مۇھەررىر: 亚生江·肉孜 | مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 2025年10月12日 09:55

しろいしかく پەن لۇ

مەن مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 32 يىل بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ يىل ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا - بازار مەكتەپلىرىدە خىزمەت قىلدىم، بۇ كەچۈرمىشلەر ئارقىلىق مەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم ھەم ھەقىقىي باشتىن كەچۈردۈم.

مەن 1972 - يىلى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ لوچىتەي بازىرىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپ، دادام ياتىدىغان كاڭدىكى ياستۇق بېشىدا دائىم بىر كۆك رەڭلىك لاتا سومكا تۇراتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە بوۋامدىن قالغان ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش دەرسلىكى ئەتىۋارلاپ ساقلانغانىدى، ئۇنىڭ بەتلىرى سارغىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئائىلىمىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك «تەۋەررۈك» ئىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، پۈتۈن شىنجاڭدا ساۋاتسىزلىق نىسبىتى %90تىن يۇقىرى ئىدى. 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى. يېزىلاردا قىش پەسلىدىكى دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ «قىشلىق ئۆگىنىش» ئۇيۇشتۇرۇلدى، بۇ، يېزىلاردا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئېتىز - ئېرىق باشلىرى، كوچا، زاۋۇت - كانلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋاتقان سىيماسىنى كۆرگىلى بولاتتى. بوۋام كۈندۈزى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلسا، كەچتە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۇرسىغا بېرىپ خەت تونۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىنەتتى.

ئاشۇ كۆك رەڭلىك لاتا سومكا بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئەڭ چوڭ قىزىقىشىم ئىدى، دائىم دادام ئۆيدە يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوغرىلىقچە ئېچىپ قاراپ باقاتتىم. بىر قېتىم مەن قەغەزگە يېزىلغان خەتلەرگە قىزىقىپ قاراۋاتقىنىمدا، دادام تۇيۇقسىز قايتىپ كەلدى. مەن ئەسلىدە تىل ئاڭلايمەن دەپ ئويلىغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قەغەزدىكى خەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ماڭا خەتمۇخەت ئۆگىتىپ: «بۇ <田>دېگەن خەت، دېھقانلارنىڭ جان تومۇرى، ئۇ بولغاندىلا، بىز ئاندىن تاماق يېيەلەيمىز؛ بۇ <书> دېگەن خەت، ئۇ سىزنى ئېتىزلاردىنمۇ يىراق دۇنياغا باشلاپ بارىدۇ» دېگەنىدى.

مەن مەكتەپكە كىرىدىغان چاغ، دەل 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىنىڭ ئاخىرى بولۇپ، تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن كەنتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بالىلىرى مەكتەپتە ئوقۇمايتتى، مەكتەپتە ئوقۇغان تەقدىردىمۇ، ئىككى يىل ئوقۇپلا ئوقۇشتىن توختاپ ئۆيىگە قايتىپ ئىش قىلىشىپ بېرەتتى. لېكىن دادام بىلىمنىڭ تەقدىرنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەچكە، مېنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشتا چىڭ تۇردى.

1979 - يىلى كۈزدە، مەن ئانام تىكىپ بەرگەن لاتا سومكىنى ئېسىپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە رەسمىي قەدەم قويدۇم. ئۇ چاغدا قوشۇمچە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى كەمچىل بولۇپ، قولدا كۆچۈرۈش بىزنىڭ بىلىم توپلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇلىمىز ئىدى. خاتىرە كۆچۈرۈش جەريانى جاپالىق ھەم كۆڭۈللۈك ئىش − بارماق قېتىپ قېلىش، بەل تېلىش، كۆز چارچاش دائىملىق ئەھۋال ئىدى، لېكىن كۆچۈرۈش جەريانىدا بىلىمىمىزمۇ ئاز - ئازدىن توپلاندى، خەتنى بارغانسېرى رەتلىك يازىدىغان بولدۇق، قەلبىمىزمۇ بارغانسېرى يورىدى.

ئېسىمدە قېلىشىچە، ئەينى يىلى سىنىپىمىزدىكى بەزى ساۋاقداشلار يىغىنچاقلاش ۋە خۇلاسىلەشكە ماھىر بولۇپ، قولدا كۆچۈرگەن خاتىرىسىنىڭ تەرتىپى ئېنىق، تېزىسلىرى يىغىنچاق بولۇپ، بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولاتتى. خاتىرىلەشنى بىلمەيدىغان ساۋاقداشلار مۇھىم نۇقتىنى تۇتالمىغاچقا، ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلمەيلا قالماي، يەنە ئۆزىنى چارچىتىۋالاتتى. بەزى ساۋاقداشلار خاتىرىنى خەت مەشىق قىلىش مەيدانى قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا قول يازما گېزىت ياساپ، قىزىقارلىق قىستۇرما رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈپ، خاتىرە يېزىشنى جانلىق، قىزىقارلىق ئىشقا ئايلاندۇرغانىدى.

1993 - يىلى مەن ئەينى چاغدىكى گۇچۇڭ سىفەن مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، لوچىتەي بازىرى ئەرچى مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، دەرس تەييارلىغاندا مەنمۇ ماتېرىياللارنى قولۇمدا كۆچۈرەتتىم، قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ 2 - قېتىملىق ئەستە تۇتۇش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانى بولۇپ، ئەستە تۇتۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىلىمنى پىششىقلاش، 2 - قېتىم ھەزىم قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش بولۇپ، ئوقۇتۇش جەريانىدا تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشتىم.

مەن باشتىن - ئاخىر قولدا كۆچۈرۈش بىر خىل ئەنئەنىۋى ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ، ئۇ ئۆزگىچە ھاياتىي كۈچكە ۋە قىممەتكە ئىگە دەپ قاراپ كەلدىم.

مەن كېيىنچە گۇچۇڭ ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئۇيۇشتۇرغان سىنىپ مۇدىرلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشقانىدىم. ئەينى چاغدا كومپيۇتېر تېخى ئومۇملاشمىغان، مەنمۇ كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى ئەمدىلا ئۆگەنگەن بولغاچقا، PPT ئىشلەش ئۈچۈن، ھەر كۈنى مەكتەپنىڭ كومپيۇتېرخانىسىدىن چىقماي، ئۈچ كۈن ھەپىلىشىپ تەسلىكتە پۈتكۈزگەنىدىم.

2017 - يىلى مەن سانجى شەھەرلىك 9 - ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلدىم، بۇ يەردىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق دوسكا مېنىڭ نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى. بارماقنى يېنىك تەگكۈزۈپلا دەرس دېتالىنى ئاچقىلى بولاتتى؛ خالىغان ۋاقىتتا تورغا چىقىپ ماتېرىيال ئىزدەپ، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولاتتى؛ يەنە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئوقۇتۇش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولاتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مائارىپ مەبلىغى سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، بارغانسېرى كۆپ بالىنى «ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش»تىن «ياخشى مەكتەپتە ئوقۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، مەبلەغنىڭ سىجىل سېلىنىشى ئۆگىنىش مۇھىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. مەكتەپنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى، ئىلگىرىكى بىر تال بور، بىر كىتاب بىر سائەتلىك دەرس ئىدى، ھازىر ئازادە، يورۇق سىنىپلار بار بولدى، شياۋشياۋتۇڭ تورى ئۇچۇرلارنى راۋانلاشتۇردى، بەنبەنپېي كۆپ ۋاسىتە ئۈسكۈنىسى دەرسخانىنى جانلىق، قىزىقارلىق قىلدى، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش مۇھىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، بىلىمگە ئېرىشىش يوللىرى تېخىمۇ كۆپەيدى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشتى.

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، 5G قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىغا تايىنىپ، مەكتەپلەردە يېڭى تىپتىكى ئوقۇتۇش ھالىتى ۋە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىنماقتا.

ئىلگىرى مەن ئوقۇغۇچىلارغا تېكىستنى سۆزلىگەندە، ئۇلار جانسىز خەتلەرنى كۆرگىنى بىلەن، ئوبرازلىق ھالدا چۈشىنەلمەيتتى ۋە ھېس قىلالمايتتى، مەسىلەن: مەن قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى جاپا - مۇشەققەتلىرىنى سۆزلىگەندە، ئوقۇغۇچىلارغا ئەينى يىللاردىكى جاپا - مۇشەققەتلەرنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز ئىدىم. ھازىر VR دەرسلىكى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار قارلىق تاغقا يامىشىش، ئوتلاقتىن ئۆتۈشنىڭ جاپاسىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدى، قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان، گۈركىرەپ شىۋىرغان چىقىۋاتقان، يەنە پات - پات قار كۆچكۈنى يۈزبېرىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئۇلارغا قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردە پىداكارلىق كۆرسىتىش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتەك قورقماس روھىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇردى، شۇنداقلا بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتقۇچىلار دەرس ۋاقتىدا كومپيۇتېرنى ئاچسىلا نۇرغۇن ئوقۇتۇش بايلىقىنى تاللىيالايدۇ. ھەر خىل AI قوراللىرى مۇھىم نۇقتىلارنى تېز سۈرئەتتە رەتلەپ چىقىپ، ئوقۇتۇشىمىزنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىدۇ؛ VR دەرسلىكى ئۆتۈلىدىغان VR دەرسى يان تېلېفون، كومپيۇتېر، VR ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئۆگىنىش ۋە ئوقۇتۇش دەرسخانا كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلىق، قىزىقارلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېپيېڭى بىر دۇنياغا ئېلىپ كىرىدۇ.

مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. بىلىمگە ئىنتىلىدىغان «ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش كۇرسى»دىن ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك مائارىپنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغىچە؛ بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئەلا سۈپەتلىك مائارىپقا ئىنتىلىشكىچە، مائارىپتىكى ئۆزگىرىشلەر چېگرا رايوندىكى بالىلارغا تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش كۈچى بېغىشلىدى. بىز ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرساقلا، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ ئەتىسى مۇقەررەر رەڭگارەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئوخشاش تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /