تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
□しろいしかく ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
دۆلەت بايرىمىلىق، جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىشتىن كېيىن، كۈز مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، ھەممە جايدا يېشىللىق بىلەن ئالتۇن رەڭ گىرەلىشىپ بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.
مۇشۇ پەيتتە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، ئالتۇن رەڭلىك ئېتىزلاردا كۈزلۈك تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىم، كۈزلۈك پەرۋىش گىرەلىشىپ كەتكەن يېزا ئىگىلىك مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى، زاۋۇت سېخلىرىدا ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىپ سانائەت سىمفونىيەسىنى ياڭراتتى، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدا مەدەنىيەت - ساياھەت كاتتا زىياپىتى ئۈزۈلمىدى، تۈر قۇرۇلۇشى ئىش ئورنىدا مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي قۇرۇلۇش مۇددىتىنى تېزلىتىشتەك قايناق مەنزىرە نامايان بولدى... پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار تېز سۈرئەتتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۇرغۇپ چىققان قۇدرەتلىك كۈچنى يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ئاتلىنىش، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تاماملاشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى.
10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت بايرىمىلىق، جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە، «جۇڭگو پاختا شەھىرى» «جۇڭگو ئۇزۇن تالالىق پاختا ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار ئاۋات ناھىيەسىدە، كۆپلىگەن پاختا يىغىش ماشىنىسى كۈمۈش رەڭلىك پاختا دېڭىزىدا پاختا يىغىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى، تايلانغان پاختىلار پىششىقلاش زاۋۇتىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئارقىلىق ئۇرچۇق - ئۇرچۇق پاختا يىپقا ئايلىنىدۇ.
شۇ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالىرى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۈتۈن ۋىلايەت يىل بېشىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىغا قاتتىق سېلىشتۇرۇپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تاماملىشى كېرەك. دىققەتنى ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدىنقى سەپ ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ دىققەتنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، ئىختىساسلىقلار مائارىپى ئاساسىنى پۇختىلاش، شەھەرنى سۈپەتلىك قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى سىجىل كۈچەيتىشى كېرەك؛ دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، كۆمۈر كەسپىنى مۇستەھكەملەپ، يۈكسەلدۈرۈپ، يېشىل كانچىلىقنى تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك؛ دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاشلىق، مېۋە - كۆكتات قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەھسۇلات مىقدارىنى زورايتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىپ، ماركىنى تونۇتۇپ، بازارنى جانلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچىلارنى كەسىپ قوشۇلما قىممىتى پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈرۈشى كېرەك.
10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭلياڭ 1 - ئاۋغۇست ئۇنچىلىق (قۇتۇبى) چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 300 مىڭ توننا بۇغداي پىششىقلاش كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى نەق مەيدانىدا، 400دىن ئارتۇق ئىشچى چوڭ تىپتىكى ماشىنا - ئۈسكۈنىلەردە مەشغۇلات قىلىپ، يىل ئاخىرىدىكى نىشان - ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئىچى - سىرتىنى بېزەش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتماقتا.
«نۆۋەتتە، تۈرنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تولۇق تاماملىنىپ، ئومۇميۈزلۈك بېزەش باسقۇچىغا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا توپا قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تاماملىنىدۇ، ئارقىدىن، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەڭشەش ۋە سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈش باسقۇچىغا كىرىدۇ.» تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى گې يۇڭخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈرگە جەمئىي 486 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، تۈر پۈتكەندىن كېيىن ئاشلىق تەكشۈرۈش - ئۆلچەش سۇپىسى ۋە تولۇق ئاپتوماتىك پاختا يىغىش - تايلاش سىستېمىسى قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرگە تايىنىپ، شىنجاڭ بويىچە پىششىقلاش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاشلىق تەكشۈرۈش سۇپىسىنى ھازىرلىغان تۇنجى بۇغداي پىششىقلاش كارخانىسىغا ئايلىنىدۇ، كۈندىلىك پىششىقلاش ئىقتىدارى ئېشىپ 1300 توننىغا يېتىدۇ.
قۇتۇبى ناھىيەلىك تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى دەي رۇيچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، قۇتۇبى ناھىيەسى 104 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، سودا - ئەشيا ئوبوروتى، ئۇل ئەسلىھە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق 14 ساھەنى قاپلايدۇ. 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ناھىيە بويىچە 84 نۇقتىلىق تۈردە ئىش باشلىنىپ، ئىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، جەمئىي 2 مىليارد 134 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى. قۇتۇبى ناھىيەسى تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن يىللىق تۈر قۇرۇلۇشى نىشان - ۋەزىپىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
«يېقىندا بىز كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ پايدىسىنى پائال ئېدىتلاپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 25 كەنتنى 2025 - يىللىق 2 - قېتىملىق كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ پايدا تەقسىملەش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدۇق، سوممىسى 6 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردۇق» دېدى ئاقچى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جيا گوشياڭ. «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاقچى ناھىيەسى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمى، دېھقان - چارۋىچىلار كىرىمىدىن ئىبارەت «ئىككىنى يېتەكلەش»نى چىڭ كۆزلەپ، ئۇششاق تاۋار ئىگىلىكىنى سىجىل، زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلەتتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئارپا - شال گۈلى، قوي يۇڭى جىلىتكىسى، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 20 نەچچە خىل يېڭى مەھسۇلات تۈرلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى، تېخىمۇ كۆپ ئۇششاق تاۋار ئىگىلىكى تۈرلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ، جالاڭچى كەنتى سۈت مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى، پىچان كەنتى گۈل - گىياھلارنى تەشتەكتە ئۆستۈرۈش بازىسى قاتارلىق 12 ئۇششاق تاۋار تۈرىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى، نۆۋەتتە ناھىيە بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئۇششاق تاۋار تۈرى كۆپىيىپ 42گە يەتتى.
10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، شىخو شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر تېزدىن زېھنىنى يىغىپ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، ئەمەلىيەتچىل ئىستىل بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ، بايرامدىن كېيىنكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىخو شەھەرلىك باج ئىدارىسى 1 - باج شۆبە ئىدارىسىنىڭ باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىدا، خىزمەتچى خادىملار بىردەك ئىش ئورنىغا مۇددەتتىن بۇرۇن كېلىپ، «خىزمەت ئەندىزىسى»گە تېزدىن ئالماشتى. «بىز باج - ھەق مۇلازىمىتى خىزمىتىنى باشتىن - ئاخىر بوشاشتۇرماي پۇختا تۇتۇپ، ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ باج ئېلىش - تاپشۇرۇش بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇش، APP قاتارلىق توردا بېجىرىش يولى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بايرامدىن بۇرۇن ۋە بايرامدىن كېيىنكى باج - ھەق كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە پۇختا، تەرتىپلىك تەييارلاندۇق، بارلىق كادىرلار بايرامدىن كېيىن تېزدىن زېھنىمىزنى يىغىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت بىلەن خىزمەتكە كىرىشتۇق» دېدى بۇ باج شۆبە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مامىنا.
پورت ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، چېگرانى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى تەشكىلات تارماقلىرى كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى بويىچە «دەل جايىدا كۈچ قوشۇش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، دىققەتنى ئېگىزلىك چارۋىچىلىقى، مېتال قېزىش، تاللاش، تاۋلاش، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يېتەكچى كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرگە ھۆكۈم قىلىش، تۈرلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، «مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەش +نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش + قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، يىل ئىچىدە پۈتۈن ناھىيەدىكى 35 كەنت (مەھەللە) شۇجىسىنى نۆۋەت بويىچە تەربىيەلەش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بوستان تېرەك يېزىسى ئېگىزلىك باغ - ئورمان بازىسى، تۇيۇن يېزىسى خاس كالا - قوي باقمىچىلىقى، قىزىلئۆي يېزىسى ئېگىزلىك سوغۇق سۇ بېلىقى قاتارلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى بويىچە يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدىن ئوننى يېتىشتۈرۈپ، يىل ئاخىرىغىچە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى 500 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان كەنتلەرنى %100كە يەتكۈزۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ دىققەتنى چېگرا كەنتلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قىيىن مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ.
(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، چېن جياڭلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ شياۋشياۋ، چاڭ يىيى، شۈ گاڭ، شۈ لىلى، دۇەن چۇنگۇاڭ، رېن داجى)
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991