ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىخەۋەر مەركىزىشىنجاڭ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

مۇھەررىر: 亚生江·肉孜 | مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 2025年10月12日 09:55

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى توغرىسىدىكى مۇھىم بېغىشلىمىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا جەزمەن چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ، تەلەپنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 22 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەكتىپى پارتىيەگە مەنسۇپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەكتەپنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، مەكتەپنى سۈپەت ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە تەربىيەسى، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پارتىيە ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىغانلىقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق، پاختا ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مەركىزىي كومىتېتنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى توغرىسىدىكى خۇلاسە دوكلاتى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۆگىنىش كەيپىياتىنى سۇسلاشتۇرماسلىق، تۈزىتىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتمەسلىك، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى تۈزۈم - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار سىياسەت - ھۆججەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يىرىك پىلانىدا چىڭ تۇرۇپ، رايون مەركىزىي شەھىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر - بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، قۇۋۋىتىنى ئالماشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا، زامانىۋى پۇراققا، دەۋر قىياپىتىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /