ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىتۇرمۇشيېزا ئىگىلىكى

خوتەن ناھىيەسى: ئالتۇن كۈزدە شاخلار مېۋىلەر بىلەن لىق تولدى

مۇھەررىر: 阿依古丽·阿布都拉 | مەنبە: تىيانشان تورى 2025年10月11日 18:05

مەنبە: خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى خوتەن ناھىيەسىدە، بىپايان ئېتىز-دالىلار مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنىدى. قىپقىزىل ئانارلار دەرەخلىرىنى بىر ئالغان، ھالرەڭ شاپتۇللارنىڭ شاخلىرى باشلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغان بولۇپ، ھەممە يەردە «مېۋىلەر تاتلىق، كىشىلەر خۇشال» كەيپىيات نامايان بولغانىدى.

باغۋەنلەر ئاناردىن ھوسۇل ئالدى.

10-ئاينىڭ 9-كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى تۆۋەن قاش كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى قەمەرنىسا مەمەتئېلىنىڭ بېغىدا، ئۇ بۇ يىل كۈزدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم شاپتۇللارنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «بەش مو بېغىمدىن بۇ يىل 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ كىرىمىنى ھېسابلاپ. قەمەرنىسا ئائىلىسى 2019-يىلىدىن باشلاپ شاپتۇل ئۆستۈرگەن بولۇپ، يېزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىدىن ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، شاپتۇلنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتى يىلدىن يىلغا ياخشىلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى ئۆيمۇ سېلىۋالدى، كىچىك ئاپتوموبىلمۇ سېتىۋالدى. «كۈنلىرىمىز خۇددى مۇشۇ شاپتۇللاردەك بارغانسېرى شېرىن ئۆتمەكتە» دېدى ئۇ.

بۇزاق يېزىسىنىڭ بازىرىدا، لىق يېڭى مېۋە-چېۋىلەر قاچىلانغان ئۈچ چاقلىق ھارۋىلار، قول ھارۋىلىرى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، خېرىدار چاقىرغان ئاۋازلار تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ پەسىيىپ ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. باغۋەن رىسالەت ئىمىن خېرىدارلارغا ئانار جىڭلىغاچ، قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يېزىمىزدىن چىقىدىغان <تاتلىق ئانار>، سۇلۇق، تاتلىق. بۇلتۇر ئانار سېتىپ يەنە يېڭى ئۆي جاھازىلىرى سېتىۋالدۇق، بۇ يىل تېخىمۇ ياخشى ھوسۇل ئالدۇق، چوقۇم كۆپرەك پۇل تاپالايمىز.»

يېزا-بازار كادىرى ھوسۇل ئالغان ئۈزۈملەرنى كۆرسەتمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇزاق يېزىسى مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاس باغ-ئورمانچىلىقنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ»قا ئايلاندۇردى. كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى «توپا دۆڭ»دىن خەلقنى بېيىتىدىغان «شېرىن مېۋە»لەر ئۆسۈپ چىقتى. باغۋەنلەرنىڭ ھوسۇلىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېزىلىق ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى قەرەللىك ھالدا «ئېتىز-ئېرىق دەرسخانىسى» تەسىس قىلىپ، سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كۈندىلىك پەرۋىش قىلىشتىن مېۋىلەرنى دەرىجىگە ئايرىشقىچە، پۈتۈن جەريانلىق تېخنىكا يېتەكچىلىكى قىلدى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇزاق يېزىسىنىڭ باغۋەنچىلىك كۆلىمى 58 مىڭ مودىن ئارتۇق بولۇپ، ياڭاق، ئانار، شاپتۇل، ئۈزۈم قاتارلىق 10 نەچچە خىل سورتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، يىللىق ھۆل مېۋە ھوسۇلى 50 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن. خوتەن ناھىيەسىنىڭ شېرىن مېۋىلىرى ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرگە سېتىلىپلا قالماي، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگىچە يېتىپ كەلدى.

باغۋەنلەر شاپتۇلدىن ھوسۇل ئالدى.

(خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى خەن لى، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن شۈەيخۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /