ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىخەۋەر مەركىزىپەن-مائارىپ

10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، 2026-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا ئالدىن تىزىملىتىش باشلاندى

مۇھەررىر: 古力皮牙.阿布力孜 | مەنبە: تىيانشان تورى 2025年10月11日 09:56

«2026-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش توردا تىزىملىتىش ۋە توردا جەزملەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

しかく بۇنىڭ ئىچىدە، توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە (توردا ئالدىن تىزىملىتىش ۋاقتى 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە، ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى بېكىتىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ)، ھەر كۈنى سائەت 9:00دىن 22:00گىچە.

しかく ھەر يىلى رەسمىي تىزىملىتىشتىن بۇرۇن، ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش تورى ئالدىن تىزىملىتىش بېتىنى ئاچىدۇ، ئالدىن تىزىملىتىشتىكى مەقسەت بىر تەرەپتىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىتىش تەرتىپىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىش، يەنە بىر تەرەپتىن مەركەزلىك تىزىملىتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تورغا چىقىش يۇقىرى پەللىسىنى پەسەيتىشتىن ئىبارەت. ئىككى باسقۇچتا تولدۇرغان ئۇچۇرلار بىردەك كۈچكە ئىگە. ئالدىن تىزىملىتىش باسقۇچىدا تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، تىزىملىتىش نومۇرى ھاسىل قىلغان ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەق تاپشۇرغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ رەسمىي تىزىملىتىش باسقۇچىدا تەكرار تىزىملىتىشى ھاجەتسىز.

しかく توردا تىزىملىتىش مەزگىلىدە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتسە ياكى قايتا تولدۇرسا بولىدۇ، لېكىن ھەربىر ئىمتىھان بەرگۈچى پەقەت بىرلا كۈچكە ئىگە تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى ساقلاپ قالالايدۇ. مۇددىتى ئۆتۈپ كەتسە توردا تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى قايتا تولدۇرۇشقا بولمايدۇ.

しかく ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا 10 كۈن ئەتراپىدا قالغاندا، توردا تىزىملاتقان ئابۇنىچى ئىسمى ۋە مەخپىي نومۇرىغا ئاساسەن «ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش تورى»غا چىقىپ «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»نى ئۆزى چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقارسا بولىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردىن چۈشۈرۈپ بېسىپ چىقارغان «ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى»ۋە كۈچكە ئىگە كىملىكىگە ئاساسەن دەسلەپكى ئىمتىھان ۋە قايتا ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ.​

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /