تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
10-ئاينىڭ 9-كۈنى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىستىراھەت رايونىنىڭ 10-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلايدىغانلىقى، كەڭ قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 10-، 11-كۈنى ھەقسىز سىناق تەرىقىسىدە قار تېيىلىش يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
10-ئاينىڭ 2-كۈنى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا قار ھاسىل قىلىش خىزمىتى باشلاندى. جىن بىڭ فوتوسى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ئەتراپىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكى كۆڭۈلدىكىدەك قار ھاسىل قىلىش شارائىتىغا يېتىپ، ئەلا سۈپەتلىك قار مىقدارىنى ئالدىن زاپاس ساقلاشقا پايدىلىق شارائىت ياراتتى، 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، بۇ ئىستىراھەت رايونى 2026—2025-يىللىق قار پەسلىدە قار ھاسىل قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى.
كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى «قار پەسلى بالدۇر، قار مەزگىلى ئۇزاق، قار مىقدارى كۆپ، قار سۈپىتى ئەلا، چۈشۈش پەرقى چوڭ، يەر شەكلى كۆپ، شامال كۈچى ئاجىز، بەدەن ھېس قىلىدىغان تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن داڭ چىقارغان بولۇپ، 240 كۈنلۈك ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق قار مەزگىلىگە ئىگە، ئاسىيا بويىچە ئەڭ بالدۇر قار تېيىلىش باشلىنىدىغان، ئەڭ كېيىن قار تېيىلىش ئاخىرلىشىدىغان قار تېيىلىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىستىراھەت رايونى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 121 كىلومېتىر كېلىدىغان 80 قار يولى ياساشنى پىلانلىغان بولۇپ، قار تېيىلىشنى يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدىغان 9 كىلومېتىرلىق يانتۇلۇقتىن يانتۇلۇقى %71.28كە يېتىدىغان قارا ئالماس يولىغىچە، ئوخشاش بولمىغان دەرىجە-قاتلامدىكى قار تېيىلغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991