تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ساياھەتچىلەر ۋولۇڭۋەندە سەيلە قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. دۆلەت بايرىمىلىق، جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ كۈز مەنزىرىسى كىشىلەرنى مەپتۇن قىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ داكا قىلىشقا جەلپ قىلدى. □しろいしかくجاڭ يۈشياڭ فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ۋە ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇنىۋېرسال مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 18 مىليون 638 مىڭ 400 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.26 ئاشقان؛ ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال خىراجىتى 25 مىليارد 96 مىليون يۈەن بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.71 ئاشقان، ئىككى بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە قىزىل ساياھەت قىزغىنلىقى ئەۋج ئېلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش پائالىيىتى جانلىنىش، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرى ئاۋاتلىشىش، ئەتراپ ساياھىتى گۈللىنىشتەك ئالاھىدىلىك نامايان بولغان.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ 1 - كۈنىدە بىر كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى يېڭى رېكورت يارىتىلدى. چۇڭچىڭلىق ساياھەتچى لى خۇەنخۇەن يان تېلېفونىنى كۆتۈرۈپ توختىماي سۈرەتكە تارتتى: «بەك ئاۋات ئىكەن! شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى، كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقى كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ».
دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنىلا قەشقەر 253 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، شۇ جايدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى 50 تۈرلۈك پائالىيەتنى يولغا قويدى، تۆمۈر بېزەك بۇيۇملىرى ياساش، قولدا يۆبىڭ ياساش ساياھەتچىلەرگە چۆكۈش شەكلىدىكى تەسىرات ئېلىپ كەلدى. باغراش ناھىيەسى «كېچە - كۈندۈز» پۈتۈن رايون ساياھىتى يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، بىر كۈندە 150 مىڭ 200 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى.
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى دەم ئېلىش مەزگىلىگە چوڭقۇر مەزمۇن قوشتى. دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمە سارىيى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىگە كىرىپ، شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدىكى ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر دىيامېتىرى بىر مېتىر كېلىدىغان چوڭ يۆبىڭنى ئېلىپ چىقىپ ساياھەتچىلەرگە ھەمبەھرىلىدى. جياڭسۇلۇق ساياھەتچى ۋاڭ خۇەنشېڭ مۇنداق دېدى: «نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا جەم بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىدۇق، بۇ ئىللىقلىق قەلبىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى».
ھەرقايسى جايلاردا ساياھەت قىزغىنلىقى پەسەيمىدى. دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئۈچ كۈنىدە، قاراقاش كونا شەھەر مەنزىرە رايونى 115 مىڭ 860 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، لالىيكۆل دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىمۇ نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، ساياھەتچىلەر ساياھەت كېمىسىگە ئولتۇرۇپ سۇلۇق يەر سۇ رايونىنى ئارىلاپ، تەبىئەتنىڭ جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدى. كورلا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا - كەنتلەردە ساياھەت قىزغىنلىقى ئاشتى، شىنىغى بازىرى، تاشدەن بازىرى، يېڭىشەھەر يېزىسى قاتارلىق جايلار كۆپ خىل مەدەنىيەت ساياھىتىنى ھېس قىلىشقا تايىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن داكا جايغا ئايلاندى.
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991