تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
□しろいしかく شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى گاۋ لېي
مەيلى ئارىلىق قانچىلىك يىراق بولسۇن، ھېسسىياتىمىز شۇنچىلىك پاك ۋە نۇقسانسىز، بىر يىل ئىچىدە بۈگۈن ئەڭ يورۇق. دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمى كېلىشىۋالغاندەكلا يېتىپ كەلدى. ئىككى بايرام تەڭ تەبرىكلىنىۋاتقان مەزگىلدە، دۆلەتكە بولغان چىن مۇھەببەت قەلبىمىزدە جۇش ئۇردى.
كىشىلەر ئىختىيارسىز مۇنداق بىر كۆرۈنۈشنى قايتا ئەسلىدى. 2015 - يىلى كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، سېئاتلدا چياۋمىنلار ساھەسى ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش - كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭچيۇنى ئالدىنئالا تەبرىكلىدى.
«گەرچە ئاسمان بولسىمۇ شۇنچە بىپايان، يۇرت مۇھەببىتى قەلبىمدە ئۇرغۇيدۇ چەكسىز.» كۈتۈۋېلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر جاڭ جيۇلىڭنىڭ شېئىرىنى ئۇرغۇلۇق ئوقۇدى، يەنە ۋەتەن خەلقىگە ۋاكالىتەن چياۋمىن قېرىنداشلارغا يۇرتنىڭ يۆبىڭىنى سوۋغا قىلدى.
يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ يۇرت سېغىنىشىغا ئەڭ تەسەللى بولىدىغىنى يۇرتىدىكى ئاشۇ تونۇش تەم.
1986 - يىلى، يەنى جۇڭچيۇ بايرىمى ھارپىسىدا، ئەينى چاغدا شيامېن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان شى جىنپىڭ ۋېلىسىپىت مىنىپ، ئىككى قاپ يۆبىڭنى ئېلىپ شيامېن داشۆنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا كېلىپ، ساۋاقداشلارنى يوقلىدى.
«ھەممىمىز ئاتا - ئانىمىز، يۇرتىمىزدىن ئايرىلغاچقا، شى مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى يۆبىڭ ئېلىپ كېلىپ بىزگە بايرام ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە، كۆپچىلىك ئىنتايىن خۇشال بولدى، ئۇ خۇددى ئاكىمىزغا ئوخشاش سەمىمىي غەمخورلۇق قىلدى.» نەق مەيداندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئىللىق كۆرۈنۈش كۆپ يىللاردىن كېيىنمۇ جاڭ خۇڭلياڭنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنىدى.
جۇڭچيۇ بايرىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇھىم ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى. قەدىمدىن ھازىرغىچە، كىشىلەر ئاي تولغان كۈندە بىر - بىرى بىلەن جەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدى، «جەم بولۇش زور خۇشاللىق، جەم بولۇش زور بەخت، ئىتتىپاقلىق زور كۈچ»كە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىدى. مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يۇمىلاق يۆبىڭنىڭ تەمىنى تېتىش، تولۇن ئاينى بىللە تاماشا قىلىش جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىگە تەۋە مۇراسىم تۇيغۇسى، نەچچە مىڭ يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى داۋامىدا شەكىللەنگەن قەلبلەرنىڭ باغلىنىشىدۇر.
كىچىككىنە يۆبىڭغا يىغىلىش، جەم بولۇش خۇشاللىقى ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە بولغان ئارزۇ يۇغۇرۇلغان، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەن.
فۇجيەندىن كەلگەن لىن دۇڭمېي تۇنجى قېتىم يۆبىڭ يېگەن ۋاقىتتىكى ئېغىزىدا قالغان شېرىن تەمنى ئۇنتۇيالمايدۇ.
لىن دۇڭمېي بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، دادىسىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى مېيىپ بولۇپ، ئاپىسىمۇ چارچاپ ئاغرىقچان بولۇپ قالغانىدى. 1994 - يىلى، ئائىلىسى ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەچكە، ئون ياشلىق لىن دۇڭمېي ئوقۇشسىز قېلىشقا دۇچ كەلدى. شۇ چاغدىكى فۇجوۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۈمىد قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇدۇللاشتۇرۇشى بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم بەردى.
شۇ يىلى جۇڭچيۇ بايرىمىدا، يولداش شى جىنپىڭ يامغۇرغا قارىماي لىن دۇڭمېينىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كەلدى، ئۇ ياردەم پۇلى ۋە ئوقۇش قوراللىرىنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە بىر قاپ يۆبىڭ ئېلىپ كەلگەنىدى. بۇ، كىچىك دۇڭمېينىڭ تۇنجى قېتىم يۆبىڭ يېيىشى ئىدى. كىچىك دۇڭمېي بۇ بىر چىشلەم شېرىن تەمدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ، كەلگۈسىگە دادىل يۈزلىنىدىغان ئىشەنچ ۋە كۈچكە ئىگە بولدى.
شۇ يىلدىن باشلاپ، يولداش شى جىنپىڭ لىن دۇڭمېيغا تاكى ئۇ داشۆنى پۈتكۈزگىچە ئىزچىل ياردەم بەردى. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشتى، خەت - ئالاقە قىلدى. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، لىن دۇڭمېي ئۈمىد قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامرات رايونلاردىكى نۇرغۇن بالىلارغا ياردەم بېرىپ، بۇ غەمخورلۇقنى داۋاملاشتۇردى.
كىشىلەرنىڭ يەۋاتقىنى ئادەتتىكى يۆبىڭ، ھېس قىلغىنى ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببەت. ئەمما، ئىلگىرىكى قايسىبىر چاغلاردا زىيادە ئوراپ قاچىلاش، كىشىنى چۆچۈتىدىغان باھا يۆبىڭنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنىدى.
2013 - يىلى جۇڭچيۇ بايرىمىدىن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئومۇمنىڭ پۇلىغا بايراملىق سوۋغات بېرىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي توسۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بايرام ئۆتكۈزۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بايرام مەزگىلىدە ئومۇمنىڭ پۇلىغا يۆبىڭ سوۋغات قىلىشنى، بايراملىق سوۋغات بېرىشنى قاتتىق مەنئى قىلىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.
«بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمىدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يۆبىڭغا ئالاقىدار ناتوغرا ئىستىللاردىن باشلاپ تۇتتى، قارىماققا بۇ كىچىك ئىشتەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان چىرىكلىكنى تۇتتى.» بايرامدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى بەنزىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭچيۇ بايرىمىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۇتۇش ئارقىلىق دۆلەت بايرىمىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۇتۇش، دۆلەت بايرىمىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۇتۇش ئارقىلىق يېڭى يىلدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۇتۇش، يېڭى يىلدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۇتۇش ئارقىلىق باھار بايرىمىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۇتۇش، باھار بايرىمىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۇتۇش ئارقىلىق چىڭمىڭ بايرىمىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۇتۇش، دۇەنۋۇ بايرىمىدىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۇتۇش» «بۇ ئارقىلىق بىر خىل ئادەتنى، بىر خىل كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش» كېرەك.
سۈپسۈزۈك ئاي نۇرى ئارقىلىق تەبىئەت بۈگۈن، يورۇقلۇق بېغىشلىدى پۈتكۈل ئالەمگە. «قىممەت باھالىق» يۆبىڭ خېلى بۇرۇنلا كەلمەسكە كەتتى، دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىيات پۈتۈن جۇڭگو زېمىننى قاپلىدى. كىشىلەر ساپ بولغان پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى ۋە جەمئىيەت ئىستىلىدىن يۆبىڭنىڭ ئەسلىي ھەقىقىي تەمىنى تېتىپ، جەم بولۇش خۇشاللىقى ۋە ئىللىقلىقىدىن بەھرىلەندى.
كىچىككىنە يۆبىڭدىن بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «گەرچە دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدە بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئاينى تاماشا قىلىش»قا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇق، «كەڭ زېمىندا پاك، دۇرۇس كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش»قا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يەتتۇق. بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دۆلەت مۇھەببىتى، سەمىمىي، ساپ قەلبى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991