تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□しろいしかくخەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
«تارىخنى ئەسلىسەك، جۇڭخۇا مىللىتى ھالاكەت گىردابىدىن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىپ، يول بويى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، سانسىز جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈردى، شۇنداقلا يول بويى تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن زەپەر مارشىنى ياڭراتتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى خۇلاسىلەپ، پارلاق ئىستىقبالغا نەزەر سېلىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز تارىخىي تەجرىبىلەردىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرۈپ، پېشقەدەم رەھبەرلەر ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ياراتقان ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز گۈللەپ ياشنىتىشىمىز كېرەك!»
يېقىنقى زامانغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ۋەتەن زېمىنى داۋالغۇپ، 100 يىلغا سوزۇلغان خورلۇقتا قالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى، جۇڭگو خەلقى روھىي جەھەتتە پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتتى، جۇڭخۇا مىللىتى جاپالىق، ئەمما ئارقىغا يانمايدىغان ھالدا ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلاندى. بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە بىزگە مۇنداق چوڭقۇر ئىلھام بەردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىدىكى ئاچقۇچ بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئېغىر كىرىزىسقا پېتىپ قېلىشتىن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىدىكى تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى بېكىتىپ بەردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 76 يىلدىن بۇيان، نامرات ۋە ئارقىدا قېلىشتىن ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغىچە، كىيىنىش - تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكىچە، بېكىنمىلىك، يېرىم بېكىنمىلىكتىن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكىچە، «زامانىۋىلىشىشى كېچىككەن دۆلەت»تىن «دۇنيا زامانىۋىلىشىشىنىڭ ئېشىش قۇتۇپى»غىچە... پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتەك مۆجىزىنى يارىتىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.
باشتىن كەچۈرمىگۈچە ئىشنىڭ قىيىنلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئاساندەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ناھايىتى جاپالىق بولىدۇ. يېڭى دەۋردىن بۇيان، ساھىلدىن ئۆتۈش خەتىرىگە، داۋانغا يامىشىش مۇشەققىتىگە، ئۆتكەلدىن ھۇجۇم بىلەن ئۆتۈش قىيىن بولۇشقا قارىتا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى قوللىنىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6 ئاشتى، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپى 34 - ئورۇندىن 10 - ئورۇنغا ئۆرلىدى، كۆپ يىل ياسىمىچىلىق كەسپى بويىچە 1 - چوڭ دۆلەت، مال سودىسى بويىچە 1 - چوڭ دۆلەت ئورنىدا مۇقىم تۇرۇپ كەلدى... دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتىنى ھازىرلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، گۈللىنىش مۇساپىسىنى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدۇ، گۈللىنىش چوڭ ۋەزىيىتىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ! ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايتتى، بۇ، تارىخنىڭ يەكۈنى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا پەقەت پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يادروسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر پۈتۈن خەلقنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىغا ئايلاندۇرساق، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بارلىق خىرىسلارنى يېڭەلەيمىز، تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.
خەلق كۆزلەنگەن زامانىۋىلاشتۇرۇشلا ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورىنى قۇرۇپ چىقىشتىن خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشقىچە، يەنە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ، داۋالاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەشكىچە، دەل باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلغانلىقتىن، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇلغانلىقتىن، جۇڭگو زېمىنىدا قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تەرەققىيات كۆرۈنۈشلىرى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ جاۋاب قەغىزى نامايان بولدى. ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.
خەلققە تايانغان زامانىۋىلاشتۇرۇشلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى، شۇنداقلا خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تولغان، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغان ئۇلۇغۋار ئىش. خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر خەلققە مەنسۇپ. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، داغدام يول تەپتەكشى يول دېگەنلىك ئەمەس، «بىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشىمىز ھەم ئەڭ قىيىن، ھەم ئەڭ ئۇلۇغ ئىش.» ئومۇمىي خەلق ئورتاق قاتنىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلققە زىچ تايىنىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ مەنبەسىگە ئىگە بولىدۇ، بىز چوقۇم دۆلەتنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلىيەلەيمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پەقەت پارتىيە ۋە خەلق باشتىن - ئاخىر بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلىسىلا، ھەرقانداق بوران - چاپقۇن بىزنىڭ پولاتتەك ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنىڭ مەزمۇت قەدىمىمىزنى توسۇۋالالمايدۇ.» يېڭى مۇساپىدە، «ئىككى ئومۇمىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تارىختىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا تولۇپ، جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتقاندىلا، چوقۇم خەلق جۇمھۇرىيىتىمىزنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991