ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىئۆگىنىشئوبزور

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى

مۇھەررىر: 哈力赛·阿合买提 | مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 2025年10月03日 01:28

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

しろいしかくخەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش.» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش»قا چاقىرىق قىلدى.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدى يۈكلەنگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ كۈرەش قىلىشى ۋە جاپالىق ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 76 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. نامرات ھەم ئارقىدا قېلىشتىن گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشقىچە، بۈگۈنگە نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلەش كىشىنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدۇ، بۇ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەت، بۇ، قەدىمكىلەرنى بېسىپ چۈشۈپ، بۈگۈنكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇلۇغ شان - شەرەپ!

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيانقى بۇ يىللار ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى، بىز ھەممىمىز باشتىن كەچۈرگۈچى، گۇۋاھچى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان خەلق مىسلىسىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، تارىخىي ئىجادكارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتتى ۋە كېڭەيتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ! بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىن ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقىچە، خەلق ئىگىلىكىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاشتىن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق چوڭ مودېل، ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم قاتارلىق بىر قاتار پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشىغىچە... مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پائال نەتىجە يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇردى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمى پۇختا، مەزمۇت بولدى. پاكىت شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى مۇھىم شەكىل، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم «شىفىر». «1 - بەش يىل»دىن «14 - بەش يىل»غىچە، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىزچىل باش تېما بولۇپ كەلدى، ئويلاپ باقمىغان تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ غەيرىتىمىز ۋە ئىرادىمىز باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمىدى. بۇ يىل 10 - ئايدا، پارتىيەمىز 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاشنىڭ ئەھمىيىتى زور. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۇ ھەم جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ، ھەم دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىغا كۈچ قوشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى مۇجەسسەملىمەكتە، شەرقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىدىن ئوزۇق ئالغان بىرقاتار جۇڭگو تەشەببۇسلىرى دۇنياۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسى قوشماقتا، چەت ئەللىك سىياسىي ئەربابلار ھاياجانلانغان ھالدا: «جۇڭگو مۇقىملىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسى ئۇزاق مەزگىللىك ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ» دېمەكتە، بىز تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىشىمىز، ھەققانىي ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك. يېڭى مۇساپىدە، پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان قىممەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، جەزمەن ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

ئۇزاق مۇساپىدە غەيرەت - شىجائەت ئۇرغۇماقتا، ئېغىر مەسئۇلىيەت يەنە ئاتلىنىشقا ئۈندىمەكتە. قانچىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش بولغانسېرى، ئېتىقادنى شۇنچە چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /