ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىئۆگىنىشئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتايلى

مۇھەررىر: 哈力赛·阿合买提 | مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 2025年10月03日 01:32

​− شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك ئوبزور (5)

しろいしかくشىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» كېرەك، دەپ كۆرسەتتى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى، بىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقى باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈشى بولۇپ، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» ئۇقۇمىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك» دەپ كۆرسىتىشكىچە، يەنە ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» دەپ تەكىتلەشكىچە، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ۋە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشى بويىچە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت خەلقنى بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە چوڭقۇرلاشتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە يەتتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەڭ ئاچقۇچلۇقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش، ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغىنى كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش، جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىمۇ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. 70 يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت خەلق ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، ئۆچمەس نەتىجىلەرنى ياراتتى، كەلگۈسىدىمۇ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تايىنىپ داۋاملىق يېڭى پارلاق نەتىجىلەرنى پۈتۈش كېرەك. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى خەلق قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، تارىخىي مۇقەررەرلىك». جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ زىچ ئۇيۇشۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، مۇقەررەر ھالدا ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /