ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىخەۋەر مەركىزىمەملىكەت

قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتايلى

مۇھەررىر: 哈力赛·阿合买提 | مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 2025年10月01日 23:29

​− جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

しろいしかくخەلق گېزىتى باش ماقالىسى

شەرقتە ھەيۋەتلىك دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ، ھەممە يېڭى تۈسكە كىردى. مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن ئالتۇن كۈز پەسلىدە، بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق.

«جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ! ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىش مۇقەررەر غەلىبە قىلىدۇ!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى بۇ تەنتەنىلىك جاكارى تارىخ نامايان قىلغان ھەقىقەت، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ كۈچلۈك ساداسى. جاھاندىكى توغرا يولغا قەدەم قويۇپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىپ، يۈز مىليونلىغان خەلق غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، سوتسىيالىستىك جۇڭگو ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى.

يىللارغا قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان ئىرادىمىزنى نەقىشلىدۇق، قالايمىقانچىلىق قاپلىغان ۋەزىيەتتىمۇ يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن كۈرەش ئىزنالىرىنى قالدۇردۇق. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بىز جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدۇق. بوران - چاپقۇندا چېنىقىش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلدۇق، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، يېڭى بولۇش، ياخشى بولۇشقا يۈزلەندى، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى، «دۇڭفاڭ چاۋخۇەن» «زۇچۇڭجى 3 - نومۇر» قاتارلىقلاردا يېڭى دۇنيا رېكورتى يارىتىلدى... قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.

دۇنيا خەلق ئارزۇسىنى تۈپ مەقسەت قىلىدىغان، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ھەرىكەت نىشانى قىلىدىغان جۇڭگو مەسئۇلىيەتچانلىقىغا گۇۋاھ بولدى. يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق مەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، چوڭ دۆلەتنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئۆتۈشىدىكى توغرا يول نامايان قىلىندى؛ 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا 100دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىنىپ، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» جۇلالاندۇرۇلدى؛ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى كەڭ قوللاشقا ئېرىشتى... زومىگەرلىك، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا قارىتا، جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە دۇنيانىڭ تىنچلىق كۈچى، مۇقىملىق كۈچى، تەرەققىيات كۈچى بولۇپ، خەلقئارادىكى چاقىرىق كۈچى، تەسىر كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. خەلقئارا زاتلار ھاياجانلانغان ھالدا: «كۈنسېرى مۆلچەرلىگىلى بولمايۋاتقان دۇنياۋى مۇھىتتا، جۇڭگو ئېنىقلىققا تولغان بىر بوستانلىق» دېدى.

يول بويى توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يول بويى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلىدۇق. 76 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى قالتىس مۇساپىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈشنى تاماملاپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئارقىغا يانمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە كىردى»دىن «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ»غىچە، پارلاق، شانلىق ئىستىقبالغا يۈزلىنىپ، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، «ئىككىنى تىكلەش» بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ غەيرەت، ئەڭ چوڭ كاپالەت بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىنىشىمىز كېرەك. «14 - بەش يىل»دىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «15 - بەش يىل»نى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشتا، بىز ھەم نۇرغۇن ئەۋزەللىك ۋە شارائىتقا ئىگە، ھەم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن ئامىللار كۆپەيگەن مۇرەككەپ مۇھىتقا دۇچ كېلىۋاتىمىز، بولۇپمۇ «ئىككى ئومۇمىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، توسالغۇسىز ئىلگىرىلەيدىغان گۈللىنىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تايىنىپ، بېكىتىلگەن نىشانغا قاراپ ئىرادىمىزدىن قايتماي كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئالغا ئىلگىرىلەشتە، بىز تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. 1921 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى بىر چوڭ ئابىدە بولۇپ قالغانىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو خەلقى روھىي جەھەتتە پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتۈشكە باشلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى جاپالىق، ئەمما ئارقىغا يانمايدىغان ھالدا ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلاندى. 100 نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، قانداق دەھشەتلىك دولقۇنلارغا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىشى، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىدىكى تۈپ مەنبە. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرگە ئۆزىمىزنى قاچۇرماي بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا چېكىنمەي تاقابىل تۇرساقلا، چوقۇم ئىسلاھات - تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئاچالايمىز.

ئالغا ئىلگىرىلەشتە، بىز ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، دۇنيادىكى 2 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، مال سودىسىدىكى 1 - چوڭ دۆلەت ئورنىدا مۇقىم تۇرۇش... يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە جان تىكىپ ئىشلەش، تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرۈش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن. ھەقىقەت ئاددىي بولىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم، «زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەمەلىي ئىشلەشكە تايىنىش كېرەك.» شۇنى جەزمەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، داغدام يول دېگەنلىك ھەرگىزمۇ تەپتەكشى يول ئەمەس. تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا قارىتا كۆڭۈلدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توختىماي ئىلگىرىلەش روھى ئارقىلىق بارلىق توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، بارلىق پۇتلىكاشاڭلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندىلا، ئاندىن ئىشلارنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، پەقەت پارتىيە ۋە خەلق باشتىن - ئاخىر بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، ئىجاد قىلىشقا ماھىر بولسىلا، ھەرقانداق بوران - چاپقۇن بىزنىڭ پولاتتەك ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنىڭ مەزمۇت قەدىمىمىزنى توسۇۋالالمايدۇ.

يول داغدام، ئومۇمىي ۋەزىيەت دولقۇندەك شىددەتلىك. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى. قاراڭلار، شەرەپ ۋە ئارزۇ دەل ئالدىمىزدا!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /