ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىخەۋەر مەركىزىئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

شىنجاڭدا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمدىنمۇ يېقىن دوستلۇققا ئېرىشتىم

مۇھەررىر: 哈力赛·阿合买提 | مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 2025年10月01日 00:12

しろいしかくئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

9 - ئايدىكى ئاقسۇدا، كۈز ئاپتىپى ھەممە جايغا سېپىلگەن بولۇپ، مېۋە - چېۋىلەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى. 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى يېڭىبازار كوچا باشقارمىسى ياڭگۇاڭلى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى شۈ گوخۇڭ ئائىلىسىدىكىلەر بېيجىڭدىكى تۇغقانلار − مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى.

«ئۆيىمىزگە كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمىز!» بېيجىڭدىكى تۇغقانلارنى كۆرۈپ، شۈ گوخۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كۈلۈمسىرىگىنىچە دەرھال ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى.

كەسىپ توغرىسىدا پاراڭلاشتى، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۆزلىدى، كەلگۈسى ئۈستىدە پىكىرلەشتى... «خۇددى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمىز بىلەن پاراڭلاشقاندەك مۇڭداشتۇق، بۇ خىل يېقىملىق تۇيغۇ ئارىلىقىمىزنى تېزلا يېقىنلاشتۇردى، قەلبىمىزنى تولىمۇ ئىللىتتى.» ئەينى چاغدىكى كۆرۈنۈشنى تىلغا ئالغان شۈ گوخۇڭنىڭ سۆزلىرىدىن ھاياجانلىق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن شۈ گوخۇڭ شەندۇڭ خېزېدىن. 1993 - يىلى تارىم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتقان بولسىمۇ، شىنجاڭنى باشتىن - ئاخىر ئېسىدىن چىقارمىدى. «ھەر يىلى قايتىپ كەلگەندە يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم، تەرەققىيات پۇرسىتى مېنى بەك جەلپ قىلدى!» 2017 - يىلى، ئۇ كۆچەت ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئېلىپ ئاقسۇغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىدى.

ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، قىيىنچىلىق كۆپ بولدى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، شۈ گوخۇڭ شۇ جايدىكى يۈسۈپ ئىسىملىك يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدى.

«يۈسۈپ مېنىڭ ئىگىلىك تىكلىگىلى كەلگەنلىكىمنى بىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېنىڭ بازار ئەھۋالىنى كۆزىتىش، ئورۇن ئىزدىشىمگە ياردەم قىلدى، يەنە ئاپتوموبىل ھەيدەپ مېنى بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئېلىپ باردى.» مۇشۇنداق بېرىش - كېلىش قىلىش جەريانىدا، ئىككىيلەن دېيىشمەيدىغان گېپى يوق ئاكا - ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدى.

بىر قېتىم يۈسۈپ شۈ گوخۇڭنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئەمدىلا ئىشىكتىن كىرىشىگە، يۈسۈپنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئوغلۇمنىڭ سىزدەك دوستى بولغانلىقىدىن مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم!» دېدى.

خوشلىشىدىغان چاغدا، موماي بىر نەپىس دوپپىنى ئېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن شۈ گوخۇڭنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويدى، تۆۋەن ئاۋازدا: «مېنىڭ سىزنى ئوغۇل قىلىۋالغۇم بار» دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئانىسى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن شۈ گوخۇڭنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولدى. ئۇ ئېسەدەپ تۇرۇپ «ئانا» دېگەندە، موماي ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى، شۈ گوخۇڭنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، شۈ گوخۇڭنىڭ شىنجاڭدا ئائىلىسى بار بولدى، موماي دائىم ئۇنى ئۆيىگە كېلىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. ھال - ئەھۋال سوراپ تۇرىدىغان غەمخورلۇق ئۇنىڭغا باشقا جايدىمۇ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ مېھىر - مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇردى.

ئىگىلىك تىكلەش داۋامىدا، شۈ گوخۇڭ يەنە سۆيگۈ - مۇھەببەتكە ئېرىشتى. ئۇ باغ - ئورمان ۋە كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىدا بىر مەزگىل مەبلەغ قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. يېنىدىكى تەرجىمان چىمەنگۈل ئەركىن بۇنى كۆرۈپ، يىغىپ قويغان ئالتۇن زىبۇ - زىننەتلىرىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەي رەنىگە قويۇپ، 7500 يۈەن چىقىرىپ ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلدى: «سىز ياخشى ئادەم، مەن سىزگە ئىشىنىمەن» دېدى ئۇ.

كېيىن ئىككىيلەن توي قىلدى، شىركىتى تەدرىجىي ئىزىغا چۈشتى، تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.

شۈ گوخۇڭنىڭ ھېكايىسى يېڭىبازار كوچىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقانلىقى، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. ياڭگۇاڭلى ئولتۇراق رايونىدا يەنە شۈ گوخۇڭغا ئوخشاش نۇرغۇن «يېڭى» شىنجاڭلىق بار. ئۇلار شۇ جايدىكى ئاھالىلەر بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېسىل داستانىنى ئورتاق پۈتمەكتە.

«ئىلگىرى شەندۇڭدىكى چېغىمدا، شىنجاڭدا بۇنچە كۆپ تۇغقىنىم بولىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدىم. ھازىر، مەن ئائىلەمنى بۇ جايغا ئورۇنلاشتۇردۇم، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبىم مۇشۇ جايغا باغلىنىپ كەتتى».

«شىنجاڭدا ئۆزگىرىش بەك چوڭ، توپا يوللار ئاسفالت يولغا ئايلاندى، بىر قەۋەتلىك ئۆيلەر بىنا ئۆيگە ئايلاندى، داۋالىنىش، ئوقۇش تېخىمۇ قولايلاشتى».

«شىنجاڭدىكى بۇ يىللاردا، مەن كەسىپتە نەتىجىگە ئېرىشىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمدىنمۇ يېقىن دوستلۇققا ئېرىشتىم!»

...

«ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياردىمى ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قوللىشى بولمىسا، مەن بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشەلمەيتتىم.» كەلگۈسى ئۈستىدە توختىلىپ، شۈ گوخۇڭنىڭ كۆزلىرى ئۈمىدكە تولدى، «مەن بۇ يىللاردىكى كەچۈرمىشلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمەن، بالىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن!»

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /