ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىخەۋەر مەركىزىئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئالما ھىدى تارالغاندا تۇغقانلار كەلدى

مۇھەررىر: 哈力赛·阿合买提 | مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 2025年10月01日 00:12

しろいしかくئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سەھەردە، «ئالما ھىدى» ناملىق ناخشىنىڭ لەرزان مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئالتە شۇئار كوچىسىدىكى ئاھالە ئالىك كۇكېش بىلەن خوتۇنى ئايگۈل تۇرسۇن بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھويلا - ئارانلىرىنى سۇ چېچىپ سۈپۈردى، قىزىق چاي دەملىدى، يەل - يېمىشلىرىنى تىزدى، يەنە خۇش پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان بىر تەخسە يەرلىك ئالمىنى ئېلىپ چىقىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. «بېيجىڭدىكى تۇغقانلار ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كېلىدۇ!» دېدى ئالىك كۈلۈمسىرىگىنىچە.

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 5 - شۆبە ئۆمىكى ھويلىغا كىرىپ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئالىك ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى بىرمۇبىر تونۇشتۇردى: «بىزنىڭ ئائىلىمىز بەش مىللەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ئائىلە».

ئالىكنىڭ دادىسى قازاق مىللىتىدىن، ئاپىسى رۇس مىللىتىدىن، خوتۇنى ئۇيغۇر مىللىتىدىن، ئىنىسىنىڭ خوتۇنى خۇيزۇ مىللىتىدىن، ئىنىسىنىڭ خوتۇنىنىڭ يېزنىسى خەنزۇ مىللىتىدىن. «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى سىرداش بولۇپ، خۇشال - خۇرام ئۆتىمىز.» ئالىك پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئالتە شۇئار كوچىسىدا ئون نەچچە مىللەتتىن بولغان ئاھالە ئولتۇراقلاشقان، كۆپچىلىك ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتىمىز، بىر - بىرىمىزنى يۆلەيمىز، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ چوڭ ئائىلە قۇرۇۋاتىمىز.

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭمۇ «ئالما ھىدى» ناملىق ناخشىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، سۆز تېمىسى تەبىئىيلا ئالتە شۇئار كوچىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى گۈزەل ئۆزگىرىشلىرىگە يۆتكەلدى.

بىر ناخشا بىر كوچىنىڭ داڭقىنى چىقاردى. «ئالما ھىدى» پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىلىپ، ئالتە شۇئار كوچىسىنى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى سانسىزلىغان ساياھەتچى تەلپۈنىدىغان، ئالقىشقا ئېرىشكەن داكا جايغا ئايلاندۇردى.

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە يۆلىشىدە، ئالتە شۇئار كوچىسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالە ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلەر ئائىلىسى بەرپا قىلىپ، قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكىنى ئېچىپ، ساياھەت تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولدى.

«خوتۇنۇم ئىككىمىز پېنسىيەگە چىقتۇق، ئىككى قىزىم ئايرىم - ئايرىم ھالدا شاڭخەي ۋە ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدۇ، بەزىدە يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالىدىكەنمىز» دېدى ئالىك تۇغقانلار بىلەن كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ. 2023 - يىلى، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى، ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

ئۇلارنىڭ ھويلىسىنىڭ دەرۋازىسى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئوچۇق تۇرىدۇ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئېكسكۇرسىيە قىلىپ سۈرەتكە چۈشۈشىنى قارشى ئالىدۇ. نۇرغۇن ساياھەتچى قەدىمىنى توختىتىپ چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىدۇ، ئالىكنىڭ مەخپىي رېتسېپلىق تونۇر كاۋىپىنىڭ زاكاز تالونى يەنىلا ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ھويلىغا كىرىپ - چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ، ئالىك ئەر - خوتۇننىڭ كېيىنكى ئۆمرىنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. ئۇلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دوستلار بىلەن تونۇشتى، ھەر قېتىملىق سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا دوستلۇقى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

«بىز چىن قەلبىمىزدىن باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا، تۇرمۇشىمىز مۇشۇنداق گۈزەل بولدى، ئىشىك ئالدىدىلا دوست تۇتتۇق، كىرىم ياراتتۇق». مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى سوۋغا قىلغان سوۋغاتنى قوبۇل قىلغاندا، ئالىك چىن ھېسسىياتىنى مۇشۇنداق ئىپادىلىدى.

«بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار جەزمەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ، كۈنلىرىمىزنى بارغانسېرى باياشات قىلىمىز!» دېدى ئايگۈل ئېرىنىڭ گېپىگە ئۇلاپلا.

ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى ئالماشتۇرۇش داۋامىدا يۇغۇرۇلدى، تەرەققىيات داۋامىدا ئورتاق پايدا ئالدى، ئالىك ئەر - خوتۇن ئۈچۈن ئېيتقاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئىللىقلىق، خۇش ھىدى تارالغان ئالما، تەسىرلىك مېلودىيە، ھەقىقىي بەختلىك تۇرمۇش.

ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن مۇنداق بىلدۈردى: بىزمۇ يۈك - تاقلىرىمىزنى ئېلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى ساياھەت قىلىمىز، ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز − تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈش!

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /