تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
كۈز پەسلىدە ئاسان رېئاكسىيە پەيدا قىلىدىغان گۈل چېڭى تۈرلىرى قايسىلار؟ ھاۋارايى شارائىتى گۈل چېڭىنىڭ تارقىلىشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ قانداق تەدبىر قوللىنىپ ئالدىن ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
كۈز پەسلىدە ئاسان رېئاكسىيە پەيدا قىلىدىغان گۈل چېڭى قايسىلار؟
كۈز پەسلىدە گۈل چېڭى ئاساسلىقى ھەر خىل سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەردىن كېلىدۇ، ئاساسلىق ئانافىلاكتوگېن ئەمەن ئۇرۇقدىشى، ياۋا قۇلماق ئۇرۇقدىشى، ئامبروزىيە ئۇرۇقدىشى، لويلا ئائىلىسى، بۇغداش ئائىلىسى، باشاقلىقلار ئائىلىسى قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سەزگۈرلۈك پەيدا قىلغۇچى گۈل چېڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلى ئادەتتە ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمىسىمۇ، لېكىن گۈل چېڭىنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈل چېڭى ناھايىتى يېنىك بولغاچقا، ھاۋانىڭ ئېقىشى ۋە كۈچلۈك شامالنىڭ تۈرتكىسىدە ناھايىتى يىراق جايلارغا ئۇچۇپ بارالايدىكەن.
ھاۋارايى شارائىتى گۈل چېڭىنىڭ تارقىلىشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
ھاۋارايى شارائىتى گۈل چېڭىنىڭ پەيدا بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا گۈل چېڭىنىڭ تارقىلىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىدىغان ئۆسۈملۈك گۈل چېڭى خالتىسىنىڭ قاچان يېرىلىشى تېمپېراتۇرا بىلەن مۇناسىۋەتلىك، گۈل چېڭى ھاۋادا لەيلىيەلەمدۇ ـ يوق، قانچىلىك يىراققا ئۇچالايدۇ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى شامال سۈرئىتى، ھۆل-يېغىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئوچۇق، قۇرغاق، مەيىن شاماللىق ھاۋارايى شارائىتى گۈل چېڭىنىڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق ھەمدە گۈل چېڭىنىڭ ھاۋادا لەيلەش ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل چېڭى خالتىسىنىڭ يېرىلىش مەزگىلى ئوخشاش بولمايدۇ، يېرىلىش مەزگىلىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھاۋارايى شارائىتىنىڭ گۈل چېڭىنىڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق ياكى پايدىلىق ئەمەسلىكىگىمۇ ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر تىنچ، مۇقىم ھاۋارايى ئۇزاققىچە داۋاملاشسا، دانچە ماددىلار ھاۋادا ئاسانلا توختاپ قېلىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر قانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؟
مۇتەخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 5كىچە گۈل چېڭىنىڭ قويۇقلۇقى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىكەن، بولۇپمۇ مەيىن شامالدا ھاۋادا ئاسانلا لەيلەپ يۈرەلەيدىكەن. گۈل چېڭى ئاسان رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ گۈل چېڭىنىڭ قويۇقلۇقىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئۇچۇرىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، ئامال بار سەھەردە ياكى يامغۇردىن كېيىن سىرتقا چىقىپ، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى ۋاقىت بۆلىكى ۋە رايوندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئالدىن ياخشى ئىشلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
زىيادە سەزگۈر كىشىلەر سىرتقا چىققاندا مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشى كېرەك، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ياكى گۈل چېڭىدىن مۇداپىئەلىنىش ماسكىسى تاقاش ئارقىلىق كۆپ قىسىم گۈل چېڭى دانچىلىرىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ، مۇداپىئەلىنىش كۆزەينىكى تاقاش ئارقىلىق يەنە بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؛ ئۇزۇن يەڭلىك كىيىم، باش كىيىم قاتارلىقلارمۇ گۈل چېڭىنىڭ تېرە بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىنى ئازايتىدۇ. ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن دەرھال كىيىم-كېچەكلەرنى ئالماشتۇرۇش ھەمدە فىزىئولوگىيەلىك تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇن بوشلۇقىنى يۇيۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بۇرۇن ئىچىدىكى ئانافىلاكتوگېن ۋە ياللۇغلۇق ئاجرالمىلارنى يۇيۇپ چىقىرىپ، بۇرۇن شىللىق پەردىسىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
ئەگەر پەقەت ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە تايىنىپلا كېسەللىك ئالامىتىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولمىسا، دورا بىلەن داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. زىيادە سەزگۈر كىشىلەر زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىنىڭ كۆرۈلۈش سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئالدىنى ئېلىش دورىسى ئىشلەتسە بولىدۇ. ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىش ۋاقتى پۈتكۈل گۈل چېڭى پەسلىنى قاپلىشى كېرەك، ئادەتتە گۈل چېڭى پەسلى ئاخىرلىشىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن دورىنى توختىتىش كېرەك. زىققە كېسىلى ئاغرىقلىرىغا گلۇكوكورتىكوئىد، كانايچىنى كېڭەيتكۈچى دورىلارنى ئۆلچەملىك ئىشلىتىپ، زىققىنىڭ جىددىي قوزغىلىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش كېرەك، يېنىدا ئېلىپ يۈرسىمۇ، ۋاقىتلىق سۈمۈرسىمۇ تۇيۇقسىز ھاسىراش ۋە نەپەس قىيىنلىشىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
«خەلق گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991