تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
يەنە بىر يىلدىكى مول ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلدى. شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئالتۇن رەڭلىك شال ئېتىزى، ياپيېشىل كۆكتاتلىق، رەڭدار مېۋىلىك باغلارنىڭ ھەممىلا يېرى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى.
مول مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يىللار ئەجىرنى يەردە قويمايدۇ. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۇرمۇشنى بارغانسېرى ياخشىلاش ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرە. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ يېزا-كەنت تۇپرىقىدا، كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي بولغان، ئىدارە قىلىش ئۈنۈملۈك بولغان، تۇرمۇش باياشات بولغان يېڭى مەنزىرە ئارقىلىق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە.
فوتوگرافلار: گو جۈنگې، چېن يەن، شى لېي، خې لۇڭ
9-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى ياڭماۋگۇڭ بازىرى شىنجيەن كەنتىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا كومبايىن ئېتىزدا مەشغۇلات قىلماقتا.
8-ئاينىڭ 26-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرى ئاشىلى قازاق يېزىسى نۇرجا كەنتىدە، كومبايىن ئۇرۇقلۇق قوناق يىغماقتا.
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى ليۇشىخۇ كەنتىدە، دېھقان ئائىلىلىرى ئېتىزلىقتا كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ھوسۇل يىغىشقا تەييارلىق قىلماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى شىگۇ يېزىسى لېيجياگۇ كەنتىدە، دېھقان ئائىلىلىرى ئېتىزلىقتا شۆجۈ ئۈزمەكتە.
9-ئاينىڭ 15-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سانجى شەھىرى داشىچۈ بازىرى سىيۈەن كەنتىدە، دېھقان ئائىلىلىرى ئۈزۈۋېلىنغان شۇيمىتاۋ شاپتۇللارنى رەتلىمەكتە.
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ تولى يېزىسى ياڭچۈەنگۇ كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئۈزۈۋېلىنغان ئورگانىك خۇاسەينى كۆرسەتمەكتە.
9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونى سەنداۋبا بازىرى تيەنشېڭگۇ كەنتىدىكى ئېكولوگىيەلىك مېۋىلىك باغدا، تېرىقچىلىق ئائىلىسى جاۋ شىنخۇي يىغىۋېلىنغان تاشئالمىلارنى كۆرسەتمەكتە.
«视觉新疆» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991