ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىخەۋەر مەركىزى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

2025-يىللىق شىنجاڭ «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» ئاساسىي مەيدان تەبرىكلەش پائالىيىتى سانجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى

مۇھەررىر: 洒依但迪力纳尔·阿合买提 | مەنبە: تىيانشان تورى 2025年09月26日 17:14

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر گې يوۋجۈن خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، «يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇلىنى تەبرىكلەش گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىش» باش تېما قىلىنغان 2025-يىللىق شىنجاڭ «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» ئاساسىي مەيدان تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرىدىكى شىسەنخۇ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاممىغا يېقىن، ھارارەتلىك بىر قاتار ئاممىۋى پائالىيەتلەردە مەدەنىيەت پۇرىقى، پەن-تېخنىكا تۇيغۇسى ۋە قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بىر مەيدان مول ھوسۇل كاتتا زىياپىتى نامايان قىلىندى، ھەر مىللەت ئامما بۇ ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، 2025-يىللىق شىنجاڭ «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» ئاساسىي مەيدان تەبرىكلەش پائالىيىتى سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرىدىكى شىسەنخۇ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: تەبرىكلەش پائالىيىتى نەق مەيدانى.

خې لۇڭ فوتوسى

شۇ كۈنى، شىسەنخۇ كەنتىدىكى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىدە يارقىن نۇقتىلار كۆپلەپ نامايان قىلىندى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كۆپ تۈرلۈك كۆرگەزمە ھەر مىللەت ئاممىنى كۆرگەزمىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، ئۇلار بۇنىڭدىن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە مول ھوسۇل مەزگىلىدىكى چەكسىز خۇشاللىقنى ھېس قىلدى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدە ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن ھەم ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىندى.

ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپلانغانىدى. «رهقهملهشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش» پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەمەلىي قوللىنىش نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى. توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش سىستېمىسىدىن ئىلغار تېرىقچىلىق، يىغىۋېلىش ئۈسكۈنىلىرىگىچە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئېتىز-ئېرىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاقىل يېزا ئىگىلىكى يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولماقتا.

​9-ئاينىڭ 23-كۈنى، 2025-يىللىق شىنجاڭ «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» ئاساسىي مەيدان تەبرىكلەش پائالىيىتى سانجى شەھىرىنىڭ ليۇگۇڭ بازىرىدىكى شىسەنخۇ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: تور رىياسەتچىسى پائالىيەت نەق مەيدانىدا شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

خې لۇڭ فوتوسى

شۇ كۈندىكى پائالىيەتتە يەنە «ئالتۇن كۈزدىكى ھوسۇل ھىدى» ناملىق مەززىلىك تائاملار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلۈپ، سانجى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرى يىغىلدى. شۇ جايدىكى ئامما يەنە بىر قالتىس بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پروگراممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىدى. شىنجاڭ كۈيى رەپ ناخشىسى «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى سەھىپىسى»دە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر مەقسەتتە بېيىش يولىغا ئاتلىنىپ، گۈزەل يېڭى يېزا قۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىرادىسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئىپادىلەندى؛ «كېۋەزلىكتىكى يېڭى سادا» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك تىياتىردا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقتىن ئاقىل يېزا ئىگىلىكىگە قاراپ قالتىس ئۆزگەرگەنلىكى نامايان قىلىندى.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /