ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىخەۋەر مەركىزىتەنتەربىيە

چېمپىيون+1 ! ئىلى سىفەن داشۆسى خېچيۇ كوماندىسى ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولدى

مۇھەررىر: 帕尔哈娜·吾甫尔 | مەنبە: تىيانشان تورى 2025年09月24日 13:37

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئىلى سىفەن داشۆسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى خېچيۇ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ئىلى سىفەن داشۆسى خېچيۇ كوماندىسى رەقىبلىرىنى بىربىرلەپ يېڭىپ، C گۇرۇپپا (يۇقىرى سەۋىيەلىك گۇرۇپپا) بويىچە چېمپىيون بولۇپ، بۇ مەكتەپنىڭ بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

9-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىلى سىفەن داشۆسى خېچيۇ كوماندىسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

سۈرەتنى ئىلى سىفەن داشۆسى تەمىنلىگەن

ئىلى سىفەن داشۆسى خېچيۇ كوماندىسى 2023-يىلى قۇرۇلغان، يەتتە كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقىدە، كوماندا ئەزالىرى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، ياخشى ماسلىشىپ، شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، خېچيۇ 2008-يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەر-ئاياللار بىر مەيداندا ماھارەت سىنىشىدىغان، سېتكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ مۇسابىقىلىشىدىغان توپ تۈرىدىكى كوللېكتىپ تەنتەربىيە تۈرى ئىكەن. ئۇنىڭغا جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سېتكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە توپ تېپىش ئويۇنى بىلەن غەربنىڭ ھازىرقى زامان ماھارەت قائىدىسى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، 2019-يىلى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلگەندىن بۇيان، كۈچلۈك مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىغا ئىگە تەنھەرىكەتكە ئايلانغان. مۇسابىقىدە ھەر بىر كوماندا ئىككى ئەر، ئىككى ئايالدىن تەركىب تاپىدۇ، پاس بېرىش، قاڭقىتىش، ئۇرۇش، توسۇش، تېپىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك تېخنىكىلارنى قوللىنىشقا بولىدۇ، قولدا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى قېتىم توپ ئۇرۇش، قالغانلىرىغا باش، پۇت قاتارلىق قولدىن باشقا ئەزالارنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مەيدان ئالتە تەرەپلىك بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا سېتكا ۋە «فېڭليۇيەن» (كەڭلىكى ئۈچ مېتىر، ئېگىزلىكى بىر مېتىر كېلىدىغان ئېللىپىس شەكىللىك تۆشۈك) ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «فېڭليۇيەن» ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىنىدۇ.

خېچيۇ كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولۇشى پەقەت ئىلى سىفەن داشۆسى ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى سىفەن داشۆسى تەنتەربىيە پەنلىرى قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسى ساھەسىدە سىجىل چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مەكتەپ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. بۇ مەكتەپ 2024-يىلى دۆلەت دەرىجىلىك يەتتە تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئالتە ئالتۇن مېدال، ئۈچ كۈمۈش مېدال، ئالتە مىس مېدالغا ئېرىشتى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك توققۇز تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 14 ئالتۇن مېدال، 12 كۈمۈش مېدال، 14 مىس مېدالغا ئېرىشتى. بۇ يىل يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يۇمشاق تېننىس توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئاياللار A گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ چېمپىيونلۇقىنى، مەملىكەتلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئاياللار C دەرىجىلىكلەر A گۇرۇپپىسىنىڭ 70 كىلوگىراملىقلار ۋە ئەرلەر C دەرىجىلىكلەر A گۇرۇپپىسىنىڭ 70 كىلوگىراملىقلار چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /