ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىخەۋەر مەركىزىپەن-مائارىپ

«بالىلار سىزغان شىنجاڭ. رەڭدار 70 يىل» مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى شاڭخەيدە باشلىنىدۇ

مۇھەررىر: 洒依但迪力纳尔·阿合买提 | مەنبە: تىيانشان تورى 2025年09月23日 17:29

​شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلىكتە قاتناشقان «بالىلار سىزغان شىنجاڭ. رەڭدار 70 يىل» ناملىق رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى شاڭخەي خۇڭچياۋ ھازىرقى زامان سەنئەت سارىيىدا باشلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە 200 پارچە نادىر ئەسەر كۆرگەزمە قىلىنىپ، بالىلار نەزەرىدىن شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى، ئادىمىيەت جەلپكارلىقى ۋە تەرەققىيات يېڭى قىياپىتى نامايان قىلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنى ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، قاراماي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ.

مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان تەرەپلەر مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا بولغان مۇھەببىتى ۋە تىلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشنى، شۇنداقلا دۇنياغا بالىلارنىڭ قەلبىدىكى گۈزەل شىنجاڭنى كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. كۆرگەزمە ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ، كۆرگەزمە ۋاقتى 2025-يىل 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە بولىدۇ، ھەر ساھەدىكى دوستلارنى كېلىپ كۆرگەزمىنى كۆرۈپ، بالىلارنىڭ سەمىمىيىتى ئىپادىلەنگەن ئەسەرلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرى، رەڭدار مەدەنىيىتى ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق، غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە ئورتاق گۇۋاھچى بولۇشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز !

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /