ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىخەۋەر مەركىزىپەن-مائارىپ

شىنجاڭ داشۆنىڭ يەنە بىر يېڭى مەكتەپ رايونى بار بولدى!

مۇھەررىر: 洒依但迪力纳尔·阿合买提 | مەنبە: تىيانشان تورى 2025年09月22日 18:43

ئالتۇن كۈزدە يەنە ئاتاكىغا ئۆتۈش | شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونىغا قۇرۇلۇش باشلاندى

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونىغا قۇرۇلۇش باشلاندى.

شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ شۆفۇ يولىغا قۇرۇلىدۇ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ پىلاندىكى قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى 702 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 4 مىليارد 210 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ. تۇنجى تۈركۈمدە ئىش باشلانغان قۇرۇلۇش 111 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 613 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، تۇنجى تۈركۈمدە ئوقۇتۇش بىناسى، تەجرىبە بىناسى، ياتاق، ئاشخانا قاتارلىق يەتتە يەككە ئىمارەت يېڭىدىن سېلىنىدۇ، ئۆي سىرتىدا سۇ تەمىنلەش، سۇ چىقىرىۋېتىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، پار تۇرۇبىسى ھەم يول، كۆكەرتىش قاتارلىق قوشۇمچە قۇرۇلۇشلار يانداشتۇرۇلىدۇ، 2026-يىلى 12-ئايدا تۇنجى قۇرۇلۇشنى تاماملاش پىلانلاندى.

9-ئاينىڭ 20-كۈنى، شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلاش مۇراسىمى نەق مەيدانى. شىنجاڭ داشۆ تەمىنلىگەن سۈرەت

مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي پىلانىغا ئاساسەن، شىنجاڭ داشۆ قەشقەر مەكتەپ رايونى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېنېرگىيە، مۇھىت قاتارلىق پەن، كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچى ئاساسىي مەكتەپ رايونى بىلەن پەرقلىق، قاتلاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجادچان، ئەمەلىي قوللىنىشچان، بىرىكمە تىپلىق تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئاساسىي نىشان قىلىدۇ. مەكتەپ رايونىنىڭ پۈتۈشى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /