تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
مەنبە: ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى
ھازىر، ئېڭىزغا تېرىلغان كۆكتاتلارنىڭ ئېتىز پەرۋىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئارال بازىرىدا، سالا-سالا ئېڭىزغا تېرىلغان كۆكتاتلار ياپيېشىل ئۆسۈپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. بۇ جاي دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئېڭىز ئورنىغا كۆكتات تېرىش ئېتىز ـ ئېرىق پەرۋىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئارال بازىرى قاشبويى كەنتىدىكى دېھقان دەي جياشېڭنىڭ ئېڭىزغا تېرىلغان بەسەي ئېتىزلىقىدا، ياپيېشىل بەسەيلەر بولۇق ئۆسۈپ، كۈز پەسلىدىكى ئېتىزغا ھاياتىي كۈچ قوشتى. دەي جياشېڭ ھاۋانىڭ ئوچۇق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، بازاردىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ئوت ئوتاش، دورا چېچىش، سۇغىرىش ۋە قوشۇمچە ئوغۇتلاش قاتارلىق پەرۋىش مەشغۇلاتىنى تەرتىپلىك ئىشلىدى.
ئونسۇ ناھىيەسى ئارال بازىرى قاشبويى كەنتىدىكى بەسەي تېرىغان دېھقان ئېتىزدا دورا چېچىش ماشىنىسىنى ھەيدەپ بەسەيگە ھاشارەتتىن ساقلاش دورىسى چاچماقتا. جاڭ خاۋ فوتوسى
«بۇ يىل مەن 48 مو ئېڭىزغا كۆكتات تېرىدىم، ئون مو يەرگە بەسەي، 18 مو يەرگە لاڭخا تېرىدىم، يەنە لازا ۋە جاڭدۇمۇ تېرىدىم.» دەي جياشېڭ ئىشەنچكە تولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بازارغا سېلىشنى مۆلچەرلىدىم. ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە ھەر كىلوگىرامىنى 1.5 يۈەن بويىچە ھېسابلىغاندا، بەسەي بىلەن لاڭخادىنلا 150 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن!»
ئېڭىزغا كۆكتات تېرىش ئەندىزىسى ۋاقىت، ئەمگەك كۈچىنى تېجەپلا قالماي، باشقۇرۇش ئاسان، بۇنىڭدا يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغىلى بولىدۇ، «بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلىك كۆلەمنىڭ ھوسۇل ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى ھەم پۇقرالارنىڭ «كۆكتات سېۋىتى» موللاشتۇرغىلى ھەم دېھقانلارنىڭ «ھەميىنى» تومپايتقىلى بولىدۇ.
قاشبويى كەنتىدىكى كۆكتات تېرىش بازىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئوت ئوتىماقتا. جاڭ خاۋ فوتوسى
ئېڭىزغا تېرىلغان كۆكتاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە ھوسۇلىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئارال بازىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى 1-سەپكە چۆكۈپ دېھقانلارنىڭ ئىلمىي ئېتىز پەرۋىشى قىلىشىغا «يۈزتۇرا»، «قولمۇقول» يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، سۇ، ئوغۇتنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ يېشىل ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئېڭىزغا تېرىلغان كۆكتاتلارنىڭ مۇقىم ئىشلەپچىقىرىلىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.
ئونسۇ ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قاشبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاۋ لى مۇنداق بىلدۈردى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ئېتىز پەرۋىشى ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىمىز».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارال بازىرى رايون يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق ۋە يەر بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، دېھقانلارنى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، ئېڭىزغا كۆكتات تېرىش كەسپىنى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ بازار «ئېڭىزغا تېرىش + خاس تېرىقچىلىق»، «ئېڭىزغا تېرىش + زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى» قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
(ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خاۋ)
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991