تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
□しろいしかく ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ ۋېي
سارغىيىپ كەتكەن سۈرەت قەغىزىدە 1959 - يىلىدىكى 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېلىشىش مۇسابىقە مەيدانىدىكى نادىر دەقىقىلەر ساقلانغان بولۇپ، يىللاردىن ھالقىپ نامايان بولۇپ كەلدى.
چىراغ نۇرىدا، شىنجاڭلىق قازاق چېلىشىش ماھىرى سېرىك ئەركىن چېلىشىش تۈرىنىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ماھارىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەقىبى بىلەن كۈچ سىناشتى. تەر تامچىلىرى توختىماي ئاقتى، ھالقىلىق پەيتتە ئۇ بىردىنلا كۈچەپ، چېمپىيونلۇق نامىنى شىنجاڭ تەنتەربىيەسىنىڭ تارىخ سەھىپىسىگە چوڭقۇر نەقىشلىدى.
بۇ ئالتۇن مېدال دەل تىيانشان ئەزىمەتلىرىنىڭ شۇ نۆۋەتلىك كاتتا مۇسابىقىدە جاسارەت بىلەن ئېلىشقانلىقىنىڭ قىزغىنلىققا تولغان ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىدى.
1959 - يىلى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە مەيدانى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن كەلگەن خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز قاتارلىق 12 مىللەتتىكى 286 تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى قەددىنى تىك تۇتۇپ مەردانە قەدەم بىلەن مۇسابىقە مەيدانىغا كىردى. ئۇلار 22 تۈرلۈك مۇسابىقە ۋە ئۈچ تۈرلۈك ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە مۇسابىقىلىشەتتى. جەسۇرانە، جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇرغان قوشۇن كۆرۈش سۇپىسىدىن ئۆتكەندە، گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى، بۇ، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتلىك مەدھىيە ئىدى.
تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، شىنجاڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ «تۆت چېمپىيونلۇق»نى قولغا كەلتۈرۈشتەك شانلىق باشلىنىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇردى − سېرىك ئەركىن چېلىشىش تۈرىنىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى؛ ئالەيقان، مىرقان ئايرىم - ئايرىم ھالدا قەدىمچە چېلىشىش تۈرىنىڭ ئوتتۇرا ئېغىر دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە، ئېغىر دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى؛ كۆكخوتتىكى چەۋەندازلىق مۇسابىقە مەيدانىدا، 17 ياشلىق قازاق قىز جەمىلە كۆزنى تېخىمۇ چاقناتتى.
«شىنجاڭ، جەمىلە ئاتلان!» رېپىرنىڭ ئاۋازى ئاخىرلىشىشى بىلەن، جۇشقۇن، مەردانە قىياپەتتىكى شىنجاڭلىق بىر قىز مەيدانغا چىقتى. ئۇ ئاتنىڭ بوينىنى يېنىك ئۇرۇپ قويۇپ، تۆۋەن ئاۋازدا: «ھودۇقما، مېنىڭ ياگۇلۇسىم» دېدى ئۇ. دەرھال ئاتقا مىنىپ، 30 توسۇققا قاراپ ئاتاكىغا ئۆتتى. توسۇقلاردىن بىر - بىرلەپ ئۆتتى... شۇ دەقىقىدە تەنتەنە ۋە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى! ماھىرلار ھاياجانلانغان ھالدا جەمىلەنى ئورىۋالدى ھەم قۇچاقلىدى، تەبرىكلىدى... بۇ ياش چەۋەنداز 96 نومۇر(تولۇق نومۇر 100)لۇق ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ ئۈچۈن يەنە بىر ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى ھەم چەۋەندازلىقتا ئۇدا توسۇقتىن ئۆتۈش بويىچە مەملىكەت رېكورتىنى ياراتتى.
«شىنجاڭ گېزىتى»دە بۇ چېمپىيوننىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن تەسۋىرلەندى: جەمىلە ئائىلىسىدىكىلەر ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانىدا چارۋىدارنىڭ قويىنى باققان، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا دادىسىغا ئەگىشىپ يايلاقلاردا يۈرۈپ چوڭ بولغان. شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ يېڭى تۇرمۇشنى كۈتۈۋالغان، مەكتەپتە ئوقۇپلا قالماي، يەنە ئۈرۈمچى 2 - سىفەن مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. شىنجاڭ چەۋەندازلىق كوماندىسىغا تاللانغاندىن كېيىن، ئۇ باتۇرلۇق بىلەن باشقىلار مىنىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان شاش ئات ياگۇلۇسنى تاللىغان. تىركىشىشتىن ماسلىشىشقىچە، جاپالىق مەشىققە سانسىزلىغان ئەجىر ۋە قەيسەرلىك مۇجەسسەملەنگەن. ئىلگىرىكى بۇ پادىچى قىز سانسىز قېتىم ئاتتىن يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن چىشىنى چىشلەپ ئات مىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەيسەر ئىرادىسى بىلەن قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ ئۆزىدىن ھالقىپ دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق تەسۋىرى بولۇپ، دەۋر نۇرىنى چاقناتماقتا.
1959 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن شىنجاڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ماكانىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئۇلار توققۇز كوللېكتىپ ئومۇمىي نومۇردا ئالدىنقى سەككىزنىڭ ئىچىگە كىردى، 41 تەنھەرىكەتچى ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، تۆت كىشى مەملىكەت رېكورتىنى بۇزدى، تۆت كىشى باتۇرلارچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى، ئۈچ كىشى 2 - لىككە ئېرىشتى، بەش كىشى «تەنتەربىيە ماھىرى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىشتەك كىشىنى پەخىرلەندۈرىدىغان مۇسابىقە نەتىجىلىرى بىلەن زەپەر قۇچتى. قارشى ئېلىش يىغىنى مەيدانىدا توققۇز كۈمۈش لوڭقا، سەككىز ئالتۇن مېدال، 39 مېدال كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى، بۇ، ئۇلارنىڭ تىرىشىپ ئېلىشىش روھىغا بېرىلگەن ئالىي مۇكاپات ئىدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، سېرىك تەنھەرىكەتچىلەرگە ۋاكالىتەن جاراڭلىق قەسەم بەردى: «بىز چوقۇم غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيەنىڭ ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرىمىز!»
60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى، شىنجاڭ تەنتەربىيەسىنىڭ مەشئىلى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلدى، نۇرى ئەزەلدىن خىرەلىشىپ قالمىدى.
2021 - يىلى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ئەزىمەتلىرى 7 ئالتۇن مېدال، 7 كۈمۈش مېدال، 7 مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك شانلىق نەتىجە بىلەن، 1979 - يىلىدىكى 4 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن بۇيانقى تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتى! ئۈچ چوڭ توپ ساھەسىدە غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تارقالدى: ئەرلەر U20 پۇتبول كوماندىسى، ئەرلەر ساھىل ۋالىبولى كوماندىسى تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، ئاياللار ساھىل ۋالىبولى كوماندىسى باتۇرلارچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. چېلىشىش، بوكس قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئەۋزەل تۈرلەردە كۈچلۈك كوللېكتىپ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى؛ ئابدۇغېنى تۇرغۇن دىسكا ئېتىش مۇسابىقىسى مەيدانىدا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، شىنجاڭ ئېتىش تۈرىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى. كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىدىغىنى شۇكى، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاتلىنىش ئالدىدا، قازاق يىگىت ۋەلىخان سېرىك دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قەدىمچە چېلىشىش تۈرى 60 كىلوگىرام دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدىكى كەسكىن ئېلىشىشتا باتۇرلارچە مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى − بۇ، جۇڭگو ئەرلەر چېلىشىش كوماندىسىنىڭ ئارىدىن كۆپ يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىگە چىقىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ قەدىمچە چېلىشىش تارىخىدىكى تارىخىي بۆسۈش ئىدى.
1959 - يىلى سېرىكنىڭ چېلىشىش مەيدانىدىكى جاسارەت بىلەن ئېلىشىش، جەمىلەنىڭ ئات مىنىپ توسۇقلاردىن ئۆتۈشتەك چەبدەس سىيماسىدىن 2021 - يىلى ۋەلىخان سېرىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۇچىسىغا دۆلەت بايرىقىنى ئارتقان شەرەپلىك پەيتلەرگىچە، شىنجاڭ تەنتەربىيەسىنىڭ مۇساپىسى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان، ئۈزلۈكسىز ھالقىيدىغان كۈرەش يولى بولدى. چاقناپ تۇرغان ئاشۇ ئالتۇن مېداللار ۋە ۋەزىنلىك مۇكاپات لوڭقىلىرىغا شەخسنىڭ شان - شەرىپى نەقىشلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىشىدىكى مەنىۋى تۇتېم بولۇپ قالدى، شۇنداقلا بۇ مېھىرلىك تۇپراق جۇمھۇرىيەت تەنتەربىيەسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدە پۈتكەن يارقىن سەھىپە بولۇپ قالدى.
2025 - يىلى 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بۇرغىسى گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا چېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ پەيتتە، يېڭى بىر ئەۋلاد تىيانشان ئەزىمەتلىرى تىيانشان ئېتىكىدە جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، مۇسابىقىگە جىددىي تەييارلىق قىلماقتا. ئۇلارنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان مۇسابىقە مەيدانىدا، يەنە بىر قېتىم قۇدرەتلىك كۈچ، تېز سۈرئەت ۋە تىز پۈكمەس ئىرادە ئارقىلىق شىنجاڭ تەنتەربىيەسىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991