تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
پوچتالىيون ئاقئابدۇسەمى سەمەت (سولدا) پوسۇلكىنى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسى بۇلۇڭكۆل كەنتىدىكى شادىبېك پەرماننىڭ قولىغا يەتكۈزدى. پوچتا يولى قارلىق تاغ ئېتىكىگىچە ئۇزارتىلىپ، چېگرا رايوندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىمۇ شەھەر ئاھالىلىرىگە ئوخشاش تېز، قولايلىق پوچتا مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى (9-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنجاڭنىڭ تۇپرىقى كەڭ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئارىسىدىكى ئارىلىق بىرقەدەر يىراق، قىسمەن رايونلارنىڭ تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا، قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى قولايسىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ پوچتا شۆبە شىركىتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋر پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، پوچتا مۇلازىمەت تورى (پونكىتى) نۇقتىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، كەنت دەرىجىلىك ۋاكالىتەن يەتكۈزۈش نۇقتىسى قۇرۇش ھەم «پوچتا بىلەن تېز يوللانما ھەمكارلىقى، قاتناش-تىرانسپورت بىلەن پوچتا ھەمكارلىقى» قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى ئارقىلىق شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئامما ۋە چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىلىرىغا نەپ يەتكۈزدى. شىنجاڭ پوچتىسى يەنە پوچتا سىستېمىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ۋە شەھەر-يېزىلارغا تارقالغان يەتكۈزۈش تورى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرىنى رەتلەپ قۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلدى. پورت چېگرا سودىسىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە، كىچىكى سودا شەھەرچىسىدىكى سودىگەرلەرنى پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزۈش، پوسۇلكىلارنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ قوبۇل قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشتىن تارتىپ، چوڭى قورغاس خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئالماشتۇرۇش پونكىتى ۋە قەشقەر خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگىچە، ھەممىسىدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى پوچتا كۈچى بىلەن تەمىنلىدى.
«شىنخۇا ئاگېنتلىقى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991