تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شىسى موڭغۇلكۈرە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ كۈز پەسلى قاتتىق يامغۇردىن كېيىنكى رەڭدار ھەسەن-ھۈسەندىن باشلاندى.
بۇغدايلار سارغايدى، قۇشلار ئۇچۇپ كېلىپ توپلاشتى، كومبايىنلار رەتلىك تىزىلىپ، «خەلق قوشىقى»نى «غىڭشىغىنىچە» ئالتۇن رەڭلىك ئېتىزلارغا كىرىشكە باشلىدى. دېھقانلارنىڭ بىر يىللىق ئۈمىدى يۈكلەنگەن بۇ كومبايىنلار بۇغداي باشاقلىرىنى ئورۇپ، شاخ-شۇمبىلارنى باغلاپ، ئاخىرىدا شەكلى «شىۋېيتسارىيە يۆگىمە بولكىسى»غا ئوخشايدىغان ئوت-چۆپ دۆۋىلىرىنى تاشلاپ چىقىدۇ.
ئالتۇن رەڭلىك ئوت-چۆپ دۆۋىلىرى ئاسمان-زېمىن ئارىسىدا چېچىلىپ، كۈزنىڭ ئۆزگىچە پۇرىقىنى چېچىپ، لەيلىلىك تۇرنا، ئاق قوتان، كۈلرەڭ ياۋا غاز قاتارلىق ياۋا قۇشلارنى بۇ يەرگە كېلىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ يېيىشكە جەلپ قىلدى. بۇ قۇشلار ئېتىزلىقتا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ، چۈشۈپ قالغان بۇغدايلارنى ھۇزۇرلىنىپ تېرىپ يەيتتى، گاھى-گاھىدا ۋىچىر-ۋىچىر قىلىشىپ، خۇددى بىر مەيدان تاسادىپىي يىغىلىپ «چاي زىياپىتى» ئۆتكۈزگەندەك قىزىپ كېتىشەتتى.
ئېگىزدىن كۈز پەسلىدىكى موڭغۇلكۈرە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىغا نەزەر سالساق، زېمىننى نېپىز بىر قەۋەت تۇمان قاپلىغان، ئالتۇن رەڭ بىلەن قېنىق يېشىل رەڭ كۆز ئالدىمىزدا يېيىلىپ، تەبىئەتنىڭ قان تومۇرلىرىنى ھاسىل قىلغانىدى.
يىراقتىكى تاغ-دەريالارنىڭ چوققىسىنى ئاپئاق قار قاپلىغان بولۇپ، خۇددى ئاق رەڭلىك «زەنجىر» تاقىۋالغاندەك كۆرۈنەتتى؛ دەريا ئەگرى-بۈگرى بولۇپ، كەچكى شەپەق نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى؛ قارىغاينىڭ رەڭگى بارغانسېرى قېنىق يېشىللىشىپ، كۈز شامىلىنىڭ يەلپۈشى بىلەن قارىغايلار دولقۇنلاپ، ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىردى.
بۇ گۈزەل كۈز، مولچىلىققا تولغان كۈز، ئۈمىدكە تولغان كۈز. موڭغۇلكۈرە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى ھەر بىر غېرىچ يەردە ھاياتىي كۈچ، رەڭدارلىق، شېئىرىي تۈس، سىرلىق ھېكايىلەر سۆزلىنىپ، سىزنىڭ كېلىپ ئىزدەپ تېپىشىڭىزنى كۈتمەكتە.
ئاپتورى: داڭ يەنلى، ليۇ شيا
(سۈرەتلەرنى ليۇ شيا تارتقان)
مەنبە: 4-شى كۆكدالا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991