تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
كېلىش مەنبەسى: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
گۇگۇم چۈشكەندە، خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسىخىنە كەنتى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتىدا، مەمەتئېلى مەتروزى ئوڭ قولىدا كۈنلۈكنى تۇتۇپ، سول قولىنى كەينىگە قىلىپ، ئۇسسۇل قەدىمىنى مەشىق قىلىۋاتاتتى. ئىلگىرى كەتمەن كۆتۈرۈپ ئەمگەك قىلغان بۇ دېھقان بۈگۈنكى كۈندە كەنتنىڭ «ئارتىس»ى بولۇپ قالغانىدى.
«ھەي، كونا ئارتىسمۇ بولۇپ قالدىڭىز، يەنە نېمىگە جىددىيلىشىسىز؟» مەمەتئېلىنىڭ ئۇسسۇل ھەمراھى رابىگۈل مەمەتروزى ئۇسسۇل ئوينىغاچ ئۇنىڭ بىلەن چېقىشىپ قويدى. بۇ چاغدا، ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى بالدۇرلا ئورۇن تېپىپ، ئويۇننىڭ باشلىنىشىنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ چېھرىدىن تەقەززالىق چىقىپ تۇراتتى.
شادىيانە، شوخ دۇمباق ساداسىغا ئەگىشىپ، خىنە كەنتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى باشلاندى. يىگىتلەر ئورۇنلىغان «ئاھالىلەرنىڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىشى» ناملىق نومۇر باشلىنىش بىلەنلا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى؛ قىزىل چىپاۋ كىيگەن قىزلار ئېيتقان «شاڭخەي كېچىسى» ناملىق ناخشا ھەممەيلەننى مەستخۇش قىلدى؛ شوخ، شادىيانە «قارا جورغا» تاماشىبىنلارنى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بىپايان يايلاققا باشلاپ كىردى؛ «چاچا ئۇسسۇلى» نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنى چىقىپ بىرلىكتە ئويناشقا جەلپ قىلدى. كەنت ئاھالىلىرى خۇشال ھالدا نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندى، پات-پات يان تېلېفونلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ نادىر كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلىدى.
«بۇنداق پائالىيەتلەر ھەر كۈنى كەچتە بار، يا كەنت ئاھالىلىرى نومۇر ئورۇنلايدۇ، يا كىنو قويۇلىدۇ.» خىنەكەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ھەبىبۇللا ئېزىز شۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلىرى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر بىرەر كۈن ئويۇن توختاپ قالسا ئۇلار خاپا بولۇپ قالىدۇ.
خىنە كەنتىدىكى 526 ئائىلىلىك ئاھالە دېھقانچىلىق، سودا، ئىشلەمچىلىك قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. 2024-يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ خىنەكەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئارقا تىرەك ئورۇن ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «بەختكە تولغان خىنە» سۈپەتلىك ماركىسىدىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى بەرپا قىلدى.
ھەبىبۇللا مۇنداق دېدى: دەسلەپتە، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى نومۇر تەييارلىدى، كەنتتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت تايانچلىرى قاتناشتى، كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىلىرى قاتنىشىشتىن تارتىندى. بىر نەچچە قېتىم قاتناشقاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بۇ خىل مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى قىزىقارلىق، مەنىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزلۈكىدىن يان تېلېفونىدىن ھەر خىل نومۇرلارنى ئىزدەپ، ئاۋۋال تەقلىد قىلدى، ئاندىن ئىجاد قىلدى. ھازىر، كەنت ئاھالىلىرى ھەر خىل ئۇسسۇللارنى ئوينىيالايدۇ، نومۇرلارنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ.
بۈگۈنكى كۈندە، ھەر كۈنى كەچقۇرۇن 600~500 نەپەر كەنت ئاھالىسى ئۆزلۈكىدىن يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتىغا كېلىدۇ، بەزىلىرى سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويىدۇ، بەزىلىرى تاماشابىن بولۇپ ئالقىش ياڭرىتىدۇ __ بۇ يەر خىنە كەنتىدىكى ئەڭ ئاۋات «مەدەنىيەت مېھمان قوبۇل قىلىش زالى»غا ئايلاندى.
«بۇلتۇر 7-ئايدىن بۇيان، خىنە كەنتى 260 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى تەييارلىغان، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان، ئۆزى ئورۇنلىغان نومۇرلار 1000ىن ئاشتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، شورباغ يېزىسى خىنە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجى ليۇ جۈنتىڭ.
بۇ نومۇرلارداخىنەكەنتىدىكىلەر «ئارتىس» بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆز تۇرمۇشىنىڭ باش رولچىسى ئىدى. بۇ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كۆپچىلىك تېخىمۇ ئىناقلاشتى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ساغلام بولدى.
ليۇ جۈنتىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، يېزا-كەنت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز».
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991