ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىخەۋەر مەركىزىشىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى

مۇھەررىر: 热娜古丽·胡大拜尔地 | مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى ۋىيشىن سۇپىسى 2025年08月27日 09:35

بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تىيانشاندا مەۋج ئۇردى» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتى باشلاندى. خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى كۆپ جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئۇلۇغ كۈچى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ يېڭى تەدبىرى، يېڭى نەتىجىلىرىنى جانلىق نامايان قىلدى.

كەسىپلەر باغچىلىرى، كەسىپلەر زەنجىرلىرى چۆللۈك، بوستانلىقلاردا تېز ئۆسۈپ يېتىلىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشتى. شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش چوڭقۇر سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەتكە تولدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئىختىساسلىقلار شۇ جايدىكى ئامما بىلەن قان قېرىنداش بولۇپ، قەلبلەرنى ئىللىتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئىختىساسلىقلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى ئورنىتىپ، ئۆزىنى بېغىشلاش مارشىنى ئورتاق ياڭراتتى.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر . ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا تاۋارلار يەرمەنكىسى قەشقەر خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە ئېچىلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر يەرلىك كارخانىلارنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا پائال تەشكىللەپ، تېخنىكا، مەھسۇلات ۋە ئىدىيەلەرنى يەرمەنكە نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. سۈرەتتە: 15-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر . ئوتتۇرا ئاسىيا-جەنۇبىي ئاسىيا تاۋارلار يەرمەنكىسى مەيدان-سارىيىدىن كۆرۈنۈش. ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار پەيزاۋات ناھىيەسى گۇاڭدۇڭ-پەيزاۋات شىنمېي زامانىۋى كەسىپلەر باغچىسىدا، دوۋيىن سۇپىسى ئارقىلىق شىنمېي مەھسۇلاتلىرىنى تەۋسىيە قىلىپ ساتماقتا. گۇاڭدۇڭ فوشەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، پەيزاۋات شىنمېي كەسپى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم موتور بولۇپ قالدى. ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىر ئاغرىق جېجياڭ داشۆ تېببىي شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى شاۋ يىفۇ دوختۇرخانىسى شىنجاڭ بىڭتۇەن ئارال دوختۇرخانىسىدا كېسەل كۆرسەتمەكتە. لى شيۇڭشىن فوتوسى

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، بىر خىزمەتچى يەكەن ناھىيەسىدىكى سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان تەنسو شىنسەي(شىنجاڭ) پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرمەكتە. بۇ شىركەت شاڭخەي پۇدۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ CVD سۈنئىي ئالماس ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق يېڭى ماتېرىيال كەسپىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ساياھەتچىلەر «قۇملۇق دەرۋازىسى» مەنزىرە رايونىدا داكا قىلىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. 2024-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرى تەكلىماكان . 359-لۈي مەدەنىيەت-ساياھەت رايونى «چاقناپ تۇرغان مەرۋايىت»نى ئۆزگەرتىش تۈرىنى ياردەم بېرىپ قۇرۇپ، قۇملۇق دەرۋازىسى، ئۇيقۇدىكى توغراق جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ساياھەت يەر بەلگىسى ۋە يانداش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇردى، مۇكەممەللەشتۈردى. لى شيۇڭشىن فوتوسى

8-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ شىپا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ تۇخۇم چىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچى خادىم مېخانىك بىلەكتە مەشغۇلات قىلماقتا. بۇ شىركەت خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، تۇخۇم مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، بىيولوگىيەلىك ئايرىپ ئېلىش ھەم ئالاھىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش بويىچە تەتقىق قىلىش-ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئومۇميۈزلۈك ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىسى. لى رۇي فوتوسى

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىشچىلار كۇنشەن كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئەيئېرفا لېفىت چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەمدىن پايدىلىنىپ كەپشەرلەش مەشغۇلاتى قىلماقتا. بۇ كەسىپلەر باغچىسى 2010-يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش نەتىجىلىرىنىڭ بىرى. ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /