ئۇيغۇرچە قازاقشا English Русский язык 国通语
جۇڭگو توردا پاش قىلىش مەركىزى شىنجاڭ توردا پاش قىلىش مەركىزى

تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991

سىز ئىشلىتىۋاتقان تور زىيارەت قىلغۇچ دېتالىنىڭ نەشىرى بەك تۆۋەن ئىكەن ، زىيارەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈنىشى مۇمكىن . بۇ يەردىن ېيڭى تور زىيارەت قىلغۇچنى چۈشۈرۋىلىڭ
تىيانشان تورىئۆگىنىشئوبزور

مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرايلى

مۇھەررىر: 亚生江·肉孜 | مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 2025年07月11日 23:53

− 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا

しろいしかくشىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پات ئارىدا تاماملىنىدىغان، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈشكە باشلىغان تارىخىي تۈگۈندە 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن قەلبتىن مىننەتدار بولدى، ئەستە چىڭ ساقلىدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. جەمئىيەت مۇقىملىقى ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئالىي مائارىپتا بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشىدا، «14 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ شىنجاڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىنى، قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلەر ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ئۇنىڭغا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تارىخىي تۆھپىسى چوڭقۇر ئويۇلغان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن.

قېرىنداشلىق گۈللىرى ئېچىلدى، ھەممە ئۆزئارا ھەمدەمدە بولدى. خۇنەندىكى «ماۋ دوختۇر» داۋالاش ئەترىتى كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسى ۋە ئىللىق غەمخورلۇقىنى ئوت يۇرتىغا ئېلىپ كېلىپ، ئاغرىق ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ جياڭسۇدىكى «سۇ مۇئەللىم» خىزمەت پونكىتى «مەڭگۈ كەتمەيدىغان» يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، «بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش»نى پامىر ئېگىزلىكىدە رېئاللىققا ئايلاندۇردى؛ گۇاڭدۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىشنى باشلامچى قىلىپ، گۇاڭدۇڭ، شىنجاڭ ئىككى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى كېڭەيتتى... بۇ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇلغان خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

بىرلىكتە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىدە، بىلىم بېرىپ كۈچ قوشتى. فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا سەكتە مەركىزى قۇردى، بۇ مەركەز ۋىنا قان نوكچىسىنى ئېرىتىش ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى؛ شاڭخەي شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ «قەشقەر ئەلا سۈپەتلىك پاختىسى» كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ئالىي دەرىجىلىك كىيىم - كېچەك ئىشلەپچىقىرىش تۈرى كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ پاختىسىنى خەلقئارا يۇقىرى دەرىجىلىك بازارغا يۈزلەندۈردى؛ جېجياڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە توقسۇ ناھىيەسىدە خىرۇستال بېزەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدى... شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»كە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان بۇ ئەندىزە شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل داۋاملىشىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

مۇھەببەت ئىنتايىن چوڭقۇر، ياخشىلىققا بولغان رەھمەتنى تىل بىلەن ئىپادىلەش تەس. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا ئەڭ قىزغىن ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلدى؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كېتىدىغان چاغدا، بالىلار ئۆز قولى بىلەن ياسىغان سوۋغاتلىرىنى تەقدىم قىلدى؛ يەنە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ كادىر ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ئايرىلىدىغان چاغدا، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئۇلارنى ئېلىپ قالماقچى بولدى... چىن قەلبتىن قىلىنغان بۇ ھەرىكەتلەرگە تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سەمىمىي ھېسسىياتى سىڭگەن بولۇپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئىزاھلىماقتا.

ئەڭ ياخشى جاۋاب ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭقۇر دوستلۇقنى شىنجاڭنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىغا ئايلاندۇرۇشتۇر. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مول نەتىجىلىرىنى قەدىرلەپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە

ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991

Copyright © www.ts.cn All Rights Reserved tianshannet
新公网安备65010202000013号 / 互联网新闻许可证:65120170002 / 新ICP备11000096号

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /