تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
2024 - يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى
شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلاندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئىيۇن مۇھىت كۈنى پەيتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز 2024 - يىللىق ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتى ئەھۋالى ئاخباراتىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن.
2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولدى، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.
كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە سۈرئەت كۈچەپ تېزلىتىلدى. دىققەت ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» «كۈيتۈن − مايتاغ − شىخو» رايونلىرى ھەم ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش 2024 − 2025 يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يىللىق بېكىتىلگەن نىشان نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، ۋىلايەت دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان ئوتتۇرىچە كۈن سانى نىسبىتى %78.1 (قۇم - بوران سەۋەبىدىن ئۆلچەمدىن نورمالسىز ئېشىپ كەتكەن كۈن سانىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن %79.7) بولۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىدىكىدىن 3.3 پىرسەنت پوئېنت ياخشى بولدى؛ ھەر كۇب مېتىردىكى ئۇششاق دانىچىلار(PM2.5)نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 28.4 مىكروگىرام بولۇپ، يىللىق نىشاندىكىدىن ھەر كۇب مېتىردا 5.2 مىكروگىرام ياخشى بولدى؛ ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى %0.5 بولۇپ، يىللىق نىشاندىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت ياخشى بولدى.
سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنىڭ نەتىجىسى مۇستەھكەملەندى، ئۆستۈرۈلدى. سۇ سۈپىتىنى نىشانلىق باشقۇرۇش چىڭىتىلىپ، سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇنى تەھلىل قىلىش كۈچەيتىلىپ، دەرياغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزلىرىنى باشقۇرۇش سىجىل كۈچەيتىلىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزلىرىنى تەكشۈرۈش، ئۆلچەش، سۈرۈشتۈرۈش، تۈزەش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 17 مىڭ 700 كىلومېتىر دەريا، كۆل قىرغىقى لىنىيەسى بىرمۇبىر تەكشۈرۈلدى، تۈرلۈك بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئېغىزىدىن 302سى بىرمۇبىر تەكشۈرۈلۈپ، 285ى تۈزەلدى، تۈزەش نىسبىتى %94.4 بولدى. شەھەرلەردىكى قارا - سېسىق سۇلارنى تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى چوڭقۇر، ياخشى قىلىنىپ، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر رايونىدا قارا - سېسىق سۇ بولماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى. گۈزەل دەريا - كۆللەرنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىش پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، توشقان دەرياسى (قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بۆلىكى) مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەملىكەت بويىچە 3 - تۈركۈمدىكى گۈزەل دەريا - كۆل مۇنەۋۋەر مىسالى بولۇپ تاللاندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دەريا ئېقىنلىرى ۋە مەركەزلىك ئىچىدىغان سۇ مەنبەلىرىنىڭ سۇ سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەلا بولدى، كۆل، سۇ ئامبارلىرىنىڭ سۇ سۈپىتى ياخشى بولدى، دۆلەتنىڭ باھالىشىدا يەر ئۈستى سۈيى كەسمە يۈزى سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %95.9كە يېتىپ، يىللىق باھالاش نىشانىدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت ياخشى بولدى.
پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇپراق مۇھىتىنىڭ سۈپىتى مۇقىم بولدى، بۇلغانغان تېرىلغۇ يەردىن بىخەتەر پايدىلىنىش نىسبىتى %100كە، يېزىلاردىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %33.4كە يېتىپ، يىللىق باھالاش نىشانىدىكىدىن 3.4 پىرسەنت پوئېنت ياخشى بولدى.
ئاخباراتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئاساسلىق بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشقا دائىر تۆت تۈرلۈك كۆرسەتكۈچتە يىللىق بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى، يادرو ۋە رادىياتسىيە مۇھىتى بىخەتەر بولدى، شەھەر ئاۋاز مۇھىتى سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، ئېكولوگىيە - مۇھىت خەتىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇلدى - تىزگىنلەندى.
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991