تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
□しろいしかく ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي
شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپى بىر مەيدان تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇچقاندەك يۈكسىلىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
ئون نەچچە يىلدا، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى يەككە تور ھالەتتە يۈرۈشۈشتىن، 20 نەچچە ئۆلكىگە توك يەتكۈزۈشكە ئۆزگەردى؛ غول تور رامكىسىنىڭ دەرىجىسى 750 كىلوۋولتقا ئۆسۈپ، مەملىكەت بويىچە 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى ئەڭ كۆپ، لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورىغا ئايلاندى؛ ئېلېكتىر مەنبەسى جەھەتتىن كۆمۈر ئېلېكتىرنى ئاساس قىلىشتىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى سىغىمى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەشكە ئۆزگەردى...
بۇ ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بازىرى سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېنېرگىيە كاپالىتى ۋە بىخەتەرلىكى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، قىلچە سەل قاراشقا بولمايدىغان «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى».
شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، چوڭ بازا + چوڭ ئېلېكتىر تورى + چوڭ يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئىسلاھات ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قايتىدىن يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا بارغانسېرى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماقتا.
شامال - يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى چەكسىز، چۆل - باياۋان بايلىق كانىغا ئايلاندى
تەبىئەت شىنجاڭغا مول بايلىق بېغىشلىغان.
شىنجاڭغا كېلىپ باققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ شېرىن مېۋىلىرىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختايدۇ، بۇ شېرىن تەمنى يازدىكى 14 سائەتتىن 16 سائەتكىچە چۈشىدىغان قۇياش نۇرى بارلىققا كەلتۈرگەن. شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە ئېچىپ پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئەڭ كۆپ قۇياش ئېنېرگىيە بايلىقى بار.
شىنجاڭغا كېلىپ باققان كىشىلەردە يەنە بۇ جاينىڭ بورىنى چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان، بوران ئىنتايىن كۈچلۈك چىقىدىغان بولۇپ، ھەممە جاي چوڭ - كىچىك تاشلارغا تولغان، قۇم - شېغىللار توختىماي ئۇچۇپ تۇرىدۇ، قارا بوران ھەتتا پويىزنىمۇ ئۆرۈۋېتەلەيدۇ. شىنجاڭدا داۋانچىڭ، ئېرتىش دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق ئون چوڭ شامال رايونى بار.
كۆمۈرنى تىلغا ئالساق، شىنجاڭ يەنە مەملىكەت بويىچە زاپاس مىقدارى ئەڭ مول رايون ھېسابلىنىدۇ، مۆلچەرلەنگەن ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ.
بۇنداق مول بايلىقتىن پايدىلانمىغانلىق گۆھەرنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىك.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى»غا ئاساسەن، دۆلەت شىنجاڭنىڭ دۆلەت چوڭ تىپتىكى نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر بازىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ يولى قۇرۇشىنى قوللىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ يولىدىن پايدىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىغا تولۇق سىڭىشتى.
بۇ يىل 3 - ئايدا، شىنجاڭ مەركەزنىڭ 18 كارخانىسى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا شىنجاڭنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش نۇقتىلىق تۈرلىرى بويىچە 2025 - يىللىق مەبلەغ سېلىشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. كېلىشىم ئىمزالانغان 54 تۈرنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى ئېنېرگىيە، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرى بولدى.
مەبلەغ سېلىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇشۇنداق يىغىنلار شىنجاڭدا ئۇدا كۆپ يىل ئۆتكۈزۈلدى، نۇقتىلىق كېلىشىم ئىمزالانغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈرلىرىدە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئارقا - ئارقىدىن ئىش باشلاندى، ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
مەركەزدىن يەرلىككىچە، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە يىرىك پىلانى تۈزۈلدى، بۇ ئۇلۇغۋار پىلان قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلانماقتا.
2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا قومۇل، شەرقىي جۇڭغار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ئۈچ يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى ۋە مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ئون نەچچە يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلدى، ھازىر قومۇلنىڭ شىمالى، چاقىلىق قاتارلىق 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىلىرى تېز قۇرۇلماقتا.
ئېنېرگىيە بازىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى يەنە شىنجاڭنىڭ ئالاقىدار كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى 8 - ئورۇندا تۇرىدىغان شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى، جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم يەرلىك كارخانىلار كەسىپ باشلامچىلىرىغا ئايلاندى.
بۇ يىل 1 - پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ سىجىل، تېز ئاشتى، شامال كۈچى، يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش قۇرۇلۇش تۈرىدىن 346سى بار بولۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
شىنجاڭنىڭ شامال، يورۇقلۇق، كۆمۈر قاتارلىق بايلىقلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تۈرتكىگە ئايلاندى.
توك پۈتۈن مەملىكەتكە يەتكۈزۈلدى، ئومۇملۇققا تۆھپە قوشۇلدى
شىنجاڭنىڭ مول ئېنېرگىيە بايلىقى ئەگەر مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا سىڭىشمەي، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىستېمالى بىلەنلا چەكلەنسە، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلىنىشى، ھەر مىللەت ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى تەسكە توختايدۇ.
شۇڭا، نەچچە مىڭ كىلومېتىرنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ لىنىيەلىرى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى.
بايىنغولىن ئوبلاستى - تىكەنلىك - چاقىلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، كۈمۈش رەڭ لىنىيە «ھالاكەت دېڭىزى» تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكەن مەنزىرە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
بۇلتۇر يازدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى شارائىتىدا قۇملۇقتا ئۇلغا سېمونت قۇيغاندا، ئىشچىلار تېمىتىش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق تۆمۈر مۇنارنىڭ ئۇلىغا سۇ چېچىپ، ئۇل يۈزىگە بېتون ئاسراش پەردىسى ئورىغان مەنزىرە بۇ لىنىيەدىكى قۇرۇلۇش مۈلۈك ئىگىسى تۈرىنىڭ دىرېكتورى لى جۈننىڭ ھېلىھەم ئېسىدە.
ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئىشچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەجرى مول مېۋە بەردى. 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. «ھالاكەت دېڭىزى» ئىچىدە بىپايان «يورۇقلۇق ۋولت دېڭىزى» شەكىللەندى.
«بۇ قۇرۇلۇش چاقىلىق ئەتراپىدىكى 7 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ۋە شامال ئېلېكتىرىنى تورلاشتۇرۇپ ئۇلاش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى، تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز، شامال، يورۇقلۇق، زاپاس بايلىقنى ئېچىشنى تور رامكىسى تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى لى جۈن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېلېكتىر تورى غول تور رامكىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى مەركەز قىلغان، شەرقتە قومۇل شەھىرىگىچە، غەربتە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغىچە بولغان، شىمالدا ئالتاي ۋىلايىتىگە تۇتاشقان، جەنۇبتا خوتەن ۋىلايىتىگىچە ئۇزارغان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى قاپلىغان «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان بەش ھالقىسىمان تور» 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
بۇ ساپ پولات قۇرۇلمىلىق تور رامكىلىرى خۇددى قان تومۇرغا ئوخشاش شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مول ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يىغىپ، ئېھتىياجلىق جايلارغا يەتكۈزىدۇ. شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى مەملىكەت بويىچە قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، توك بىلەن تەمىنلەش دائىرىسى ئەڭ چوڭ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورىغا ئايلاندى.
2014 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن قومۇلنىڭ جەنۇبى − جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا، ئون يىلدا خېنەنگە يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى جەمئىي 360 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشتى، بۇ، خېنەن خەلقى ھەر 10 سائەتتە ئىشلەتكەن توكنىڭ بىر سائەتلىكى شىنجاڭدىن كەلگەنگە باراۋەر.
ئۈچ مىڭ نەچچە كىلومېتىر ئارىلىقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان شەرقىي جۇڭغار − جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا، تېخىمۇ مۇھىمى ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى، توك يەتكۈزۈش سىغىمى، توك يەتكۈزۈش ئارىلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈردە دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش 3 - لىنىيەسى − قومۇل - چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، «شىنجاڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» ئۇلۇغۋار پىلانى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
تېخىمۇ چوڭ بىر ھېكايە شىنجاڭ زېمىنىدا بايان قىلىنماقتا. شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى 4 - تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، شىنجاڭ توكنى چېڭدۇ - چۇڭچىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈشنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
بۇ يىل شىنجاڭدا يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان، داۋاملاشتۇرۇپ قۇرۇلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇش تۈرىدىن 41ى بار بولۇپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %50 ئېشىپ، تارىختا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئىقتىساد - تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ شياۋبىن كەلگۈسىدىكى مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: «بىز 5 - ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى پىلانلاۋاتىمىز، قۇرۇلۇش پۈتكەندە شىنجاڭنىڭ سىرتقا توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 44 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ، بۇ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمغا 170 مىڭ توننىلىق <ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كۆمۈر پويىزى> يوللىغانغا باراۋەر».
يىرىك پىلان بويىچە، «14 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان يەتتە ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان بەش لىنىيە»دىن ئىبارەت ئاساسىي تور رامكىسى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مىللىسېكۇنت دەرىجىدىكى سۈرئەت بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈلمەكتە.
پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇلدى، قۇرۇلما يېڭىلاندى
يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ ئېنېرگىيە بايلىقى چوڭ رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئىزدىنىشكە باشلىدى.
شاھمات ئۇرۇقى ئالدى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە بېسىلدى. مەۋقەنى ئۆزىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كەسىپلەرنى توپلاش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتى.
4 - ئاينىڭ بېشىدا، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ قومۇل شىسەنجيەنفاڭ 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال، يورۇقلۇق ۋولت، زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى نەق مەيدانىدا، 120 نەپەر قۇرۇلۇشچى سىجىل جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىشنى باشلىغانىدى، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا يورۇقلۇق ۋولتنى تورلاشتۇرۇپ توك چىقىرىش مۆلچەرلەندى. بۇ تۈر ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى 2 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق يېشىل توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى رېكورتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، شىددەت بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. 2021 - يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 990 مىڭ كىلوۋات بولدى؛ 2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگە قەدەر، يىل ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 35 مىليون 570 مىڭ كىلوۋات بولدى. قىسقىغىنا بىرنەچچە يىلدا، يىل ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىدە زور دەرىجىدە ئېشىش نامايان بولدى.
بۇ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ بارغانسېرى «يېشىل»لىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئېشىپ، غەربىي قىسىم رايونىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشقان تۇنجى ئۆلكە بولۇپ قالدى.
يېڭى ئېنېرگىيە گەرچە يېشىل بولسىمۇ، لېكىن تېخنىكا جەھەتتە يەنىلا توك چىقىرىشتا ئارىلاپ ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋە تۇراقسىزلىق مەۋجۇت.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېڭىلىق يارىتىش تولىمۇ زۆرۈر. يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىدىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» «تەڭشىگۈچ» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىرىشكە باشلىدى.
شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرى تۆمۈر فوسفاتلىق لىتىي، پۈتۈن ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق، فېيلۇن، دەرىجىدىن تاشقىرى ئېلېكتىر سىغىمى قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۇ تۈرلەردە كونكرېت نامايان بولدى.
4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 10 مىليون كىلوۋاتلىق چوڭ ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا، غەربىي قىسىم بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى. يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرى چوڭ كۆلەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، 2024 - يىلى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى %3.6 ئۆستى.
ئۈرۈمچىگە جايلاشقان دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش - تىزگىنلەش مەركىزىدە، چوڭ ئېكراندا ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان رەقەملەر ئېنېرگىيە ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋى ئىلھامىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى − يېڭى ئېنېرگىيەنى مۆلچەرلەشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى ئون يىل بۇرۇنقى %67تىن %96كە ئۆرلىدى، ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى 150 مىللىسېكۇنتقا قىسقاردى...
پەن - تېخنىكا كۈچى ئېلېكتىر تورىنى تېخىمۇ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلدى، شۇنداقلا يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تەدرىجىي ھالدا پىلاندىن رېئال تۇرمۇشقا يۈزلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
بۇ مەيدان ئېنېرگىيە ئىنقىلابى كىشىلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئاستا - ئاستا ئۆزگەرتمەكتە. ھازىرغا قەدەر، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ يېشىل توك سودا مىقدارى 5 مىليارد 510 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن بولۇپ، «14 - بەش يىل»نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىنىڭ 190 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.
بۇ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالى بارغانسېرى يېشىل، مۇھىت قوغدايدىغان بولدى، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ساناقلىقلا كۈن قالدى.
بۈگۈنكى شىنجاڭ، بىپايان قۇملۇقتا تۇردىن تىك كۆتۈرۈلگەن قويۇق ئىسنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنى يورۇتۇۋاتقان چىراغلارغا ئايلاندۇرۇپ، پولات - تۆمۈر بىلەن ئەقىل - پاراسەتنى يۇغۇرۇپ، دۇنياغا ئېنېرگىيەنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ جۇڭگو جاۋابىنى يەتكۈزمەكتە.
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991