تىيانشان تورى پاش قىلىش تېلېفونى: 3532125-0991
□しろいしかく ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ
4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى «رەقەملەشتۈرۈش - ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق كىتاب ئوقۇشقا كۈچ قوشۇش، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش» تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان تىيانشان ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يۈرۈشلۈك ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىدا باشلاندى، شىنجاڭ بويىچە ھەرقايسى جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانا، ئالىي مەكتەپ كۇتۇپخانىلىرىدا ئالاقىدار پائالىيەتلەر ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلدى. 30 - قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شىنجاڭدا ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرىسى تولۇق نامايان بولدى.
4 - ئاي كىرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا ئالاقىدار پائالىيەتلەر سىجىل كۈچ ئۇلاپ ئۆتكۈزۈلدى. 4 - نۆۋەتلىك «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىدىن بەھرىلىنىش . شىنجاڭدا كۆڭۈللۈك كىتاب ئوقۇش» تېمىسىدىكى ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، 2025 - يىللىق شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر كىتاب ئوقۇش - پىكىر ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمە يىغىنى ھەم «100 مەكتەپتە بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ساۋەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) پۈتۈن توردا 5 - نۆۋەتلىك ئانار كىتاب ئوقۇش بايرىمىنى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلدى، «ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق كەلگۈسىگە يول ئېچىش: كىتاب ئوقۇش AI بىلەن ئۇچراشقاندا» ناملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى كىتاب ئوقۇش مارافون پائالىيىتى توردا قىزغىن باشلاندى... «كىتاب ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلاش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش» تېخىمۇ مول شەكىل، چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇن، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېڭى تۇرمۇش كەيپىياتىغا ئايلاندى.
بوشلۇق ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كىتاب ئوقۇش مۇھىتى تەدرىجىي گۈزەللەشتى
«ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىش»تىن «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»قىچە، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئۇدا 12 قېتىم «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا كىرگۈزۈلدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا نىزامى» قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى كىتاب ئوقۇش بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
ھازىرغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىن جەمئىي 111ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 96 ئاممىۋى كۇتۇپخانا مەملىكەت بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك كۇتۇپخانا دەپ باھالاندى، بۇ، 1 - دەرىجىلىك كۇتۇپخانىدىن 24نى، 2 - دەرىجىلىك كۇتۇپخانىدىن 20نى، 3 - دەرىجىلىك كۇتۇپخانىدىن 52نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانا تارماق كۇتۇپخانىسىدىن 1018ى، مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى ئۈلگە نۇقتىسىدىن 598ى بار. شىنجاڭدىكى ھەر 10 مىڭ كىشىگە توغرا كېلىدىغان ئاممىۋى كۇتۇپخانا قۇرۇلۇش كۆلىمى 152 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %2 يۇقىرى.
كىتاب ئوقۇش بوشلۇقىنى بېيىتىش، كىتاب ئوقۇش بايلىقىنى تولۇقلاش، پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشنىڭ تىرەك بولۇشىدا، 2024 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارغا كىرىپ كىتاب ئوقۇغان ئومۇمىي ئادەم قېتىم سانى 6 مىليون 129 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، رەقەملىك كىتاب ئوقۇش بايلىقى سۇپىسىنىڭ چېكىلىش مىقدارى 19 مىليون 585 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.
ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىن باشقا، شەھەر، يېزا - بازار، كەنتلەردە تەسىس قىلىنغان شەھەر كۇتۇپخانىلىرى، مەھەللە كىتاب ئوقۇش ئۆيى، يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى) مەدەنىيەت پونكىتى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى قاتارلىق يېڭىچە كىتاب ئوقۇش بوشلۇقى ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇردى.
بۇنىڭدىن باشقا، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سەيزىگۇ كەنتىدىكى يەننى كۇتۇپخانىسى، قاراماي شەھىرىدىكى جۇشى سارىيى، قومۇل شەھىرىدىكى يۈشۇفاڭ كۇتۇپخانىسى، ئالتايدىكى خىلۋەت ساياھەت كۇتۇپخانىسى... ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە كۇتۇپخانىلار شەھەر - يېزىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش بوشلۇقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسى سۈپىتىدە، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كۆپ خىل مەدەنىيەت توپلاشقان جايغا تەۋە ئۆزگىچە جەلپكارلىقنى نامايان قىلماقتا.
دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرى ۋە يازلىق، قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، باي ناھىيەسىدىكى يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى) مەدەنىيەت پونكىتى، مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى، دېھقانلار كىتاب ئۆيى ئىنتايىن قىزىپ كېتىدۇ، كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئاڭلاش، دەرس ئاڭلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتتى. نۆۋەتتە، باي ناھىيەسىدىكى 156 دېھقانلار كىتاب ئۆيىدە 300 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل كىتاب بار بولۇپ، ھەر يىلى ھەربىر كىتاب ئۆيىگە 2000 يۈەن قىممىتىدىكى كىتاب تولۇقلاپ بېرىلىدۇ.
بۇ يىل 3 - ئايدا، دېھقانلار كىتاب ئۆيىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ كەسىپ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇھىتى ئەلا، مۇلازىمىتى ئەلا بولغان كىتاب ئوقۇش بوشلۇقى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، باي ناھىيەسى دېھقانلار كىتاب ئۆيى باشقۇرغۇچىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، بۇ، كىتابلارنى تۈرگە ئايرىش، كودلاشتۇرۇش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تىزىش، تىزىملاپ توپلام تۈزۈش، كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش تەرتىپى، كىتاب ئۆيى پائالىيىتى قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«كىتاب ئۆيى پۇقرالارنىڭ مەنىۋى بىلىم تولۇقلاش پونكىتى، مېنىڭ ۋەزىپەم بۇ كىتابلارنى ياخشى باشقۇرۇشتىن باشقا يەنە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كىتاب تۈرلىرىنى بېيىتىش، كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىنى كۆپەيتىش، كىتاب ئوقۇش ئۈنۈمىگە دىققەت قىلىشتىن ئىبارەت، مانا مۇشۇنداق قىلغاندىلا كۆپچىلىكنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئۇزاققىچە ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ» دېدى باي ناھىيەسى ئونباش يېزىسى تۆۋەنكى ئونباش كەنتى دېھقانلار كىتاب ئۆيىنىڭ باشقۇرغۇچىسى خان زۆرەم تۇنىياز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئەلا سۈپەتلىك نەشر بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كىتاب ھەدىيە قىلىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا - بازار، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە، كەنت قاتارلىقلارغا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى، قازاق تىل - يېزىقى قاتارلىق كۆپ خىل تىل - يېزىقتىكى نادىر كىتابلارنى سەپلەپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كىتاب ئوقۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
پەن - تېخنىكا كۈچ قوشتى، كىتاب ئوقۇش بايلىقى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى
جۇڭگو ئاخبارات - نەشرىيات تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان 22 - قېتىملىق مەملىكەتلىك پۇقرالارنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2024 - يىلى دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالارنىڭ رەقەملەشكەن كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى بىلەن ئۇچرىشىش نىسبىتى %80.6كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، يان تېلېفون ئارقىلىق كىتاب ئوقۇشنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %78.7كە يەتكەن، كىتاب ئاڭلاشنى تاللىغان ئوقۇرمەنلەر %38.5نى ئىگىلىگەن، سىنلىق كىتاب سۆزلەپ بېرىشنى كۆرۈشنى تاللىغانلار %5.7نى ئىگىلىگەن. AI تېخنىكىسىدا مەيدانغا كەلگەن «ئاۋازلىق كىتاب + بىلىمگە ھەق تۆلەش» ئەندىزىسى يەنە قەغەز نۇسخىدىكى كىتابنىڭ سېتىلىشىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.
«يان تېلېفوندا كىتاب ئوقۇش» «كىتاب ئاڭلاش» قاتارلىق رەقەملەشكەن كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى ئەنئەنىۋى كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىنىڭ مۇھىت، ۋاقىتقا بولغان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كىتاب ئوقۇشنى زامان - ماكان ئىختىيارلىقىغا ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ قولاي ھالدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى. شىنجاڭ مەدەنىيەت نەشرىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈن - سىن نەشرىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان شىنجاڭ» رەقەملەشكەن كىتاب ئوقۇش سۇپىسىنى مىسالغا ئالساق، 2024 - يىلىغىچە، كىتاب ئوقۇش مىقدارى 11 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سانى 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.
2024 - يىلى شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ تور پونكىتى ۋە «مەدەنىيەت - ساياھەت كىتاب ئوقۇش ئورتاق گەۋدىسى» كىچىك پىروگراممىسىدا ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇش مىقدارى 2023 - يىلىدىكىگە قارىغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %1.7 ۋە %8.25 ئاشقان. ئۈرۈمچى كۇتۇپخانىسىنىڭ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدا ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغانلار، كىتاب ئاڭلىغانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 353 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن تەخمىنەن 176 مىڭ ئادەم قېتىم كۆپەيگەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان خەلق كىتابخانىسىنىڭ AI ھېس قىلىش سارىيىدا، ئوقۇرمەنلەر ھاسىلىي سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدار ئىجاد قىلغان تاڭ شېئىرى «جىمجىت كېچىدىكى سېغىنىش»نىڭ دېكلاماتسىيە كۆرۈنمە چاستوتىسىنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆردى؛ شىنجاڭ كۇتۇپخانىسىنىڭ «بۇلۇت كىتاب ئوقۇش» مۇلازىمىتى ئوقۇرمەنلەرنى خالىغان جايدا پەقەت ساۋما قىلسىلا، بازىرى ئىتتىك ژۇرنال، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب، ئاۋازلىق كىتاب، بالىلار ئوقۇشلۇقى، ئىلمىي ژۇرناللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەقەملىك ئوقۇش بايلىقىدىن قانغۇچە بەھرىمەن قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ AI رەقەملىك باشقۇرغۇچىسى ئېكران ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن ھەر ۋاقىت پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوقۇرمەنلەرگە كىتاب تەۋسىيە قىلدى ھەم كىتاب ئارىيەت ئېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق كۇتۇپخانىنىڭ تولۇق سىگناللىق پىرويېكسىيە ئاپپاراتىدا قويۇلۇۋاتقان ھەمتۈرتكە ھېس قىلىش بوشلۇقىدا، يۇلتۇزلۇق ئاسمان، تاغلار، ئورمان قاتارلىق تۈرلۈك - تۈمەن ئۆزگىرىشچان خىيالىي مۇھىتتا، تارىخ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئەپسانە - ھېكايىلەر تەكرار قويۇلدى...
تولۇق سىگناللىق پىرويېكسىيە ئاپپاراتىدا، ئوقۇش ھەمتۈرتكە ھېس قىلىش بوشلۇقى، VR كۆرۈش ئۈنۈمى ئوقۇش ئۈسكۈنىسى، تىك ئېكرانلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يول باشلاش ماشىنا ئادىمى، زېھنىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدىغان شاھمات ئۈستىلى ... پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمىدە، شىنجاڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، كۆپ خىللاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، قولايلاشقان ئوقۇش بوشلۇقى ۋە ئۇسۇلى، ئوقۇرمەنلەرگە كۆرۈش سېزىمى، ئاڭلاش سېزىمى، تېگىش سېزىمى ئارقىلىق ھەر تەرەپلىمە مودا كۆڭۈللۈك ئوقۇشنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
پائالىيەت ئومۇملاشتۇردى، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى كۈندىن - كۈنگە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى
«بۈگۈنكى كۈندە، چوڭ خەت بىلەن يېزىلغان جۇڭگو ئادەمنى نۇرلۇق، راۋان ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ؛ بۈگۈنكى كۈندە، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو ئادەمنى تېخىمۇ تەسىرلىك ئوقۇش، ئىپتىخارلىق بىلەن ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ...» 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان كورلا. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش» پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئۆسمۈرلەر تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن «ياش جۇڭگو»نى دېكلاماتسىيە قىلىۋاتاتتى. بۇ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىگە كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، كىتاب كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بازىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە ئويۇن كۆرسىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كىتاب ئوقۇشنى يادرو قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار كىتاب ئوقۇشقا بولغان تەشۋىقات - يېتەكچىلىك، ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ھەمدە داڭلىق ماركا پائالىيىتى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مول، رەڭدار بولغان كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىدىغان قوشۇننى سىجىل زورايتتى. جۇڭگو ئاخبارات - نەشرىيات تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان 21 - قېتىملىق مەملىكەتلىك پۇقرالارنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2023 - يىلى دۆلىتىمىزدىكى قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالارنىڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش داڭلىق ماركا پائالىيىتىنى بىلىش نىسبىتى %74.1كە، قاتنىشىش دەرىجىسى %67.5كە يەتكەن.
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىيات بازىسى)نىڭ «كىتاب ئوقۇپ بىلىم ئېلىش. شىنجاڭدىكى كۆڭۈللۈك كىتاب ئوقۇش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، جەمئىيەتتە ياخشى بولغان كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى يارىتىلدى؛ شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى «تىيانشان ئوقۇرمەنلەرنى يېتەكلەش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، «شىنجاڭنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىش»، رەسىملىك كىتابقا ئەگىشىپ «قىزىقارلىق» ساياھەت قىلىش قاتارلىق كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق «كىتاب ئوقۇش + تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش + ئەمەلىيەت»تىن ئىبارەت خاس ماركىنى شەكىللەندۈردى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بەرپا قىلغان «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان سانجى، پۈتۈن شەھەردە راۋان ئوقۇش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە تىڭجوۋ مەدەنىيەت مۇنبىرى قاتارلىق 20 داڭلىق ماركا پائالىيىتى بار بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مولەن كىتابخانىسى، مورى ياڭشىنيۈەن قاتارلىق ئون نەچچە داڭلىق ماركا ئۆمىكى يېتىشتۈرۈلدى؛ غۇلجا شەھەرلىك كۇتۇپخانا «مەدەنىيەت ئوزۇقلاندۇرغان گۈل شەھىرى. كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان غۇلجا» يەرلىك يازغۇچىلار كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى بەھرىلەش يىغىنى ئېچىپ، يازغۇچىلارنى مەنزىرە رايونى، مەكتەپ، مەھەللە، يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يېقىن ئارىلىقتا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش سۇپىسى شەكىلدىن تارتىپ مەزمۇنغىچە تېخىمۇ مول، رەڭدار قىلىپ كېڭەيتىلدى. كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، پىدائىيلار باشلامچى بولۇپ ئوقۇش، ئاتا - بالا ئوقۇش، نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى، ئاساسىي تېمىلىق ماقالە قوبۇل قىلىشتىن تارتىپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، مىكرو مۇزىكا كېچىلىكى، ئۇسسۇل ئويۇنى، كىچىك سەھنە تىياتىرى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق كىتاب ئوقۇشنىڭ ئومۇمىي خەلقنى، پۈتۈن رايوننى قاپلىشىغا تۈرتكە بولۇندى.
2024 - يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى كۇتۇپخانىلار ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يۈرۈشلۈك ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىدىن جەمئىي 13 مىڭ مەيداندىن ئارتۇق ئۆتكۈزدى، قاتناشقان ئادەم سانى 4 مىليون 930 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
2024 - يىلى 9 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى ھەم 2024 - يىللىق شىنجاڭ كىتاب كۆرگەزمىسىدە، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭەش. شەبنەم مۇنبىرى»،«شىنجاڭ گېزىتى. ئانار كىتاب ئوقۇش بايرىمى»، «كوئېنلۇن مۇنبىرى» داڭلىق ماركا پائالىيىتى، «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىدىن ئوزۇقلانغان سانجى» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى قاتارلىق 12 تۈر شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي خەلق مۇنەۋۋەر كىتاب ئوقۇش تۈرى بولۇپ باھالاندى. بۇنىڭ ئىچىدە «شىنجاڭ گېزىتى . ئانار كىتاب ئوقۇش بايرىمى» ھازىرغىچە ئۇدا بەش نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوقۇرمەنلەر ئەۋزەللىكى، يېڭى تاراتقۇ تېخنىكا ئەۋزەللىكى، تارقىتىش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كىتاب ئوقۇش بوشلۇقى، كىتاب ئوقۇش بايلىقى، يازغۇچىلار قوشۇنىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن زىچ باغلىدى.
ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىدىكى بىر مۇھىم كۈچ ئاساسىي قاتلامدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرغۇچىلاردۇر. 3 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىنىڭ «يېزا - كەنتلەردە كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرغۇچى» نامىغا ئېرىشكەن لى شا سانجى شەھەرلىك مودىيەنياجى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى. ئۇ ۋە كوللېكتىپنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، مودىيەنياجى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتىنىڭ ھازىر ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان 1000دىن ئارتۇق ئەزاسى بار، تىزىمغا ئالدۇرغان پىدائىي 178 كىشى بولۇپ، 2023 - يىلى مۇلازىمەت قىلغان ۋاقتى 208 مىڭ 338 سائەتكە يەتكەن.
«ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتا، ئۇ ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تۈسىنى ئالغان كىتاب ئوقۇش ئېكولوگىيەسىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنى چوڭقۇرلاپ كىتاب ئوقۇش ۋە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە كۇتۇپخانا، نەشرىيات، يازغۇچى، ئالىم بىلەن ئوقۇرمەنلەر ئوتتۇرىسىدا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان كۆپ يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكىلىك كۆۋرۈككە ئايلاندى» دېدى لى شا.
بۇ يىلقى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىدە ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ليۇ لياڭچېڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمبەھرىلەپ، «تىل يۇرتىغا قايتىش» ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «كىتاب ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان يىللار»دا ئېرىشكەن كىشىلىك تۇرمۇش تەسىراتىنى بايان قىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى غەيرەت ئاسىم خوتەن ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانىغا كېلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرى «باشقىلارنىڭ گۈلخانى»نى ئىجاد قىلىش جەريانىنى ھەمبەھرىلەپ، ھەربىر ئوقۇرمەنگە قەلبىدىكى «گۈلخان»نى قانداق يېزىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بەردى...
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 3532375 - 0991