ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى فونتلىرى Uyghur Kompyutér Ilimi Jem'iyiti Tughrasi
Uyghur Kompyutér Ilimi Jem'iyiti Fontliri
Bu
bet üchün waqitliq ishlitilidighan font:
UKIJ Tuz
بۇ فونتلار LGPL License LGPL ۋە Open Font License Open Font ئىجازەتنامىسىدە ھەقسىز تارقىتىلدى.
All fonts are distributed for free and released under LGPL License LGPL and Open Font License Open Font licenses.
بۇ يەرنى بېسىپ ئويغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى ۋە فونتلارنى تاللاپ قاچىلاڭ.
Bu yerni bésip font we Oyghan Uyghurche kirgüzgüch (U.A.R konupka taxtisi we Xelq'ara AZERTY/QWERTY konupka taxtisi) qachilang.
Click here to install Uyghur fonts and Oyghan Uyghur IME (UAR and International AZERTY/QWERTY keyboards).
ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنى MS-DOS قا كىرگۈزۈش ۋە ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنى
ياساش ئارقىلىق ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان،
شۇنداقلا تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەر خىل ئاماللار بىلەن
ياسىلىشىغا ئەڭ دەسلەپكى ئاساسنى ياراتقان شەخىسلەرگە ئالاھىدە رەھمەت
ئېيتىمىز.
تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرى MS-DOS ،Windows 3.1
،Windows 95/97 ،Windows 98 ،Windows 2000 ۋە Windows XP لەردە ھەر خىل
نام، ھەر خىل «ئۆلچەم» لەردە ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇرچە Unicode ئىشلەتكەن ئەڭ
دەسلەپكى خەت نۇسخىلىرى 2002- يىلى ئىيۇندا بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭدىن
ئېتىبارەن Unicode ئۆلچىمى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىلىرىنىڭ سانى ۋە
ناملىرىمۇ كۆپىيىپ (تولۇقسىز سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا 30 نەچچە خىل
خەت نۇسخىسى 500 نەچچە خىل ئوخشىمىغان نامدا ئىشلىتىلگەن) بىر قىسىم
قالايمىقانچىلىقلار كېلىپ چىققان. جەمئىيىتىمىز ئۇ خىل ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش
ۋە خەت نۇسخىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىختىيار قىلغان خەتتاتلار،
كومپيۇتېر مۇتەخەسىسلىرى، شىركەتلەر ۋە باشقا ئەزالاردىن پىكىر ئالغان. شۇ
ئارقىلىق، 2004- يىلى دېكابىر ئېيىدا ئاشۇ خەت نۇسخىلىرى تۈنجى قېتىملىق
رەتلەش ئارقىلىق خەت نۇسخىسى ناملىرى ئاساسەن مۇقىملاشتۇرۇلغان ۋە
كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
2006- يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ 2-قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى
تۈزەش ئېلىپ بېرىلىپ بۇرۇنقى خەت نۇسخىلىرىنىڭ ناملىرىغا مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش
كىرگۈزۈش، بۇرۇن ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزەش، قازاقچە، قىرغىزچە
ھەرپلەرنىمۇ قوشۇش، باسمىدا ئىشلىتىدىغان بەلگىلەرنىمۇ تولۇقلاش، ئۆلچەمسىز
خەت نۇسخىلىرىدا يېزىلغان تېكىستلەرنىمۇ نورمال كۆرسىتەلەيدىغان قىلىش
قاتارلىق تۈزىتىشلەر ئېلىپ بېرىلىپ مەتبەئە ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ
ئىشلەنگەن.
2- قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش جەريانىدا ئۆلچەمسىز خەت
نۇسخىلىرىدا يېزىلغان تېكىستلەرنىمۇ نورمال كۆرسىتەلەيدىغان قىلىش
مەقسىتىدە قوشۇلغان بەزى ھەرپلەر 2004-يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن
ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلى بويىچە خەت كىرگۈزمەيدىغان بىر قىسىم
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر تەرىپىدىن خاتا ئىشلىتىلىپ قېلىپ ئوخشىمىغان
تەتقىقاتچىلار ياسىغان خەت نۇسخىلىرىدا «كود توقۇنۇشى» كەلتۈرۈپ چىقارغان
بولغاچقا، 2008-يىل ئاخىرىدىن 2010-يىل ئاخىرىغىچە 3-قېتىملىق خەت
نۇسخىلىرى تۈزەش ئېلىپ بېرىلدى.
ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى http://ukijorgfonts.googlecode.com/files/ukijorgfonts.zip دىن چۈشۈرۈڭ.
3- قېتىملىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش پائالىيىتى تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە
ئېلىپ بېرىلدى:
1. خەت نۇسخىلىرى ئىچىدە http://unicode.org بەلگىلىگەن كود جەدۋىلىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرپ-بەلگىلەر بولماسلىق (UKIJ Tughra ۋە UKIJ Orxun بىلەن باشلانغان فونتلار بۇنىڭ سىرتىدا)؛
2. 2004-يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود
جەدۋىلىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، خەت نۇسخىلىرىنىڭ بۇرۇنقى نامى، شەكلى ۋە
غولىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا مەسىلە بايقالغان ھەرپ-بەلگىلەرنىلا تۈزىتىش؛
3. خەت نۇسخىلىرى ياسىغۇچىلارنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا
داۋاملىق ھۆرمەت قىلىش، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قىسمىدىكى ئۇچۇرلارنى بۇرۇنقى
پېتىچە ساقلاپ قېلىش؛
4. كېڭەيتىلگەن رايونىدىكى FBEA دىن FBFB غىچە بولغان كود ئورۇنلىرىغا يالغۇز ھەرپ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى («ئا، ئا، ئه، ئه، ئو، ئو، ئۇ، ئۇ، ئۆ، ئۆ، ئۈ، ئې، ئې، ئې، ئى، ئى، ئى» دىن ئىبارەت جەمئىي 18) نى ھەمزە («ئ» 0626) بىلەن خالىغان بىر سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاساسى رايوندىكى كودىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولغاچقا، ھەمدە «ئى» («پېئىل» دىكى) ۋە «ئې» («باغئېرىق» تىكى) ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرى Unicode ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەچكە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى ئىشلىتىش پايدىسىز دەپ قارىلىپ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق
(ماۋۇ يەردىكى ئۇقتۇرۇشقا قاراڭ)؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983- يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى تەستىقى بىلەن 1984- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا
(تەپسىلاتى ئۈچۈن بۇ يەرگە قاراڭ)
خەت نۇسخىلىرىدا «ھ» نىڭ 2 خىل شەكلىنىلا ئىشلىش؛
5. خەت نۇسخىلىرىنى تۈرگە بۆلۈش، خەت نۇسخىلىرىدىكى
ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ سانىنى تەۋە بولغان تۈر ۋە ئىشلىتىلىش ئىھتىياجىغا قاراپ
مۇۋاپىق ھالدا تەڭشەش ئارقىلىق خەت نۇسخىلىرى تۈزەش يۈكىنى يەڭگىللىتىش؛
6. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەسىلە
بايقالسا مۇدىرىيەتنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تۈزىتىش ئېلىپ
بېرىپ، خەت نۇسخىلىرىدا ساقلانغان نۇقسانلارنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش.
فونتلار تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈندى:
بىرىنچى تۈر: مەتبۇئات-باسما خەت نۇسخىلىرى؛ ئىككىنچى تۈر: ئېكران يۈزى خەت نۇسخىلىرى؛ ئۈچىنچى تۈر: ھۆسنىخەت نۇسخىلىرى؛ تۆتىنچى تۈر: Mac OS X مەخسۇس خەت نۇسخىلىرى.
※(注記) فونتلارنىڭ تور يۈزىدىكى ئۈنۈمىنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز ※(注記)
1. مەتبۇئات-باسما خەت نۇسخىلىرى
ئالاھىدىكى: مەتبەئە ئۆلچىمىگە ماسلاشتۇرۇلغان، خەت نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرپ-بەلگىلەر 800-1400 گىچە بولۇپ ئۇلار ئەرەب، پارىس، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىلى، شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەلىرىدىكى بارلىق ھەرپلىرى؛ لاتىن، سلاۋيان (كىرىل)، گرېك ھەرپلىرى ۋە مەتبەئەدە ئىشلىتىلىدىغان شەرتلىك بەلگىلەر، تىنىش بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈردىكى خەت نۇسخىلىرى كىتاب-ژۇرنال، گېزىت، ماقالە يېزىش ۋە بېسىش ئىشلىرىغا بەكرەك ماس كېلىدۇ.
UKIJ Tuz
Tor
(Bold)
ئەخمەتجان رەجەپ
2006- يىلى 3- مارت
UKIJ Kesme (Bold) تۇرسۇنجان سۇلتان 2006- يىلى 3- مارت
2. ئېكران يۇزى خەت نۇسخىلىرى
ئالاھىدىكى: تور بەتچىلىك، يۇمشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزى قاتارلىقلارغا
ئىشلىتىشكە ماسلاشتۇرۇلغان، خەت نۇسخىسىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرپ-بەلگىلەر
800-1000 گىچە بولۇپ، ئۇلار ئەرەب، پارىس، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز تىلى،
شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەلىرىدىكى بارلىق ھەرپلىرى؛ لاتىن،
سلاۋيان (كىرىل)، گرېك ھەرپلىرى ۋە مەتبەئەدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان
شەرتلىك بەلگىلەر، تىنىش بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
UKIJ CJK خەت نۇسخىسى يانفون
ۋە سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىلىدىغان قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرىگە
مەخسۇس ئىشلەنگەن خەت نۇسخىسى بولۇپ، گوگۇل شىركىتى پۈتۈن كودى ئۇچۇق
تارقاتقان ئاندىرويىد سىڭدۈرمە مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئىشلىتىلگەن خەت
نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئەرەب، پارس
يېزىقلىرىنىڭ ھەرپلىرى كودى، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، قازاق لاتىن يېزىقى،
ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز سلاۋىيان (كىرىل) يېزىقلىرى بەلگىلىرى، خەلقئارا
ترانسكىپتسىيە بەلگىلىرى، ھەم بىر قسىم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھەرپ-بەلگىلەر
ئايرىم كېڭەيتىپ قوشۇلۇش ئارقىلىق ئىشلەندى. بۇ خەت نۇسخىسىدا جەمئىي 30
مىڭ دانە ھەرپ بەلگە بار بولۇپ، خەنزۇچە، ياپونچە، كورېئانچە
ھەرپ-بەلگىلەرنىمۇ تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان. خەت نۇسخىسىنى كىچىك ھالەتتىمۇ
ئۇچۇق كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ خەت نۇسخىسىنى نوكىيا شىركىتىنىڭ ئەقلىي
ئىقتىدارلىق يانفونلىرى، گوگۇل شىركىتىنىڭ ئاندىرويىد مەشغۇلات
سىستېمىسىدىكى يانفونلىرى، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ۋىندوۋس موبائىل مەشغۇلات
سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلىرىدا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ.
UKIJ Ekran خەت نۇسخىسى
يۇمشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزى، تور بەتلەرنىڭ كۆرۈنمە يۈز لايىھەلىرىگە
ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ، بۇ خەت نۇسخىسىغا جەمئىي 1000 دانە ھەرپ-بەلگە
ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يۇمشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزى ۋە تور بەتلەردە ئىشلىتىش
ئېھتىماللىقى بولغان ھەرپ-بەلگىلەرنى تولۇق كىرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى.
ئۇندىن باشقا، خەتلەرنى كىچىك ھالىتىدىمۇ ئۇچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن
16px ،15px ،13px
،12px لاردىن تەشكىل تاپقان تۆت يۈرۈش
چوڭ-كىچىكلىكتىكى چېكىتلىك تەسۋىرىي خەت ئامبىرى قوشۇلغان بولۇپ،
9pt دىن 16pt غىچە
بولغان كىچىك خەتلەرنى چېكىتلىك تەسۋىرىي ھالىتىدە ئۇچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ،
17pt دىن كېيىنكى ھالىتىدە ۋىكتورلۇق خەت
ئامبىرىنى ئىشلىتىدۇ.
UKIJ Teng خەت نۇسخىسىنىڭ
ئىنچىكە ۋە توم شەكلىنى تەڭ كەڭلىكتىكى خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىدىغان
مەشغۇلات سىستېمىلىرىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، بارلىق ھەرپلەرنىڭ كەڭلىكى
ئوخشاش كەڭلىكتە ياسالغان، بۇ 8*16، 16*16 كەڭلىكتىكى تەڭ كەڭلىكتىكى خەت
نۇسخىسىنى ئىشلىتىدىغان بارلىق سىستېمىلارغا تولۇق ماسلىشالايدۇ.
UKIJ Tor خەت نۇسخىسىنىڭ
ئىسمىدىنلا بېلىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ خەت نۇسخىسىنى تور بېكەتلەرنىڭ
كۆرۈنمە يۈزىنى لايىھەلەشكە ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ. بۇ خەت نۇسخىسىغا
جەمئىي 1000 دانە ھەرپ-بەلگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يۇمشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزى
ۋە تور بەتلەردە ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرپ-بەلگىلەرنى تولۇق
كىرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىلدى. ئۇندىن باشقا، خەتلەرنى كىچىك ھالىتىدىمۇ
ئۇچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن 16px ،15px
،13px ،12px
لاردىن تەشكىل تاپقان تۆت يۈرۈش چوڭ-كىچىكلىكتىكى چېكىتلىك تەسۋىرىي خەت
ئامبىرى قوشۇلغان بولۇپ، 9pt دىن
16pt غىچە بولغان كىچىك خەتلەرنى چېكىتلىك
تەسۋىرىي ھالىتىدە ئۇچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، 17pt
دىن كېيىنكى ھالىتىدە ۋىكتورلۇق خەت ئامبىرىنى ئىشلىتىدۇ.
UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىنىڭ
تور بېكەت ۋە ئادەتتىكى يېزىقچىلىق ئىشلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خەت
نۇسخىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ مەزگىللەردىكى خەت
نۇسخىلىرىنى تۈزىتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇش جەريانىدا، مەزكۇر خەت نۇسخىسى كۆپ
قېتىم ئىشلەندى، بۇ قېتىم يېڭىلانغان نەشرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ خەت
نۇسخىسىغا كىچىك ھالىتىدىمۇ ئوچۇق كۆرسىتىلىدىغان چېكىتلىك خەت تەسۋىرى
ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ، خەت نۇسخىسىنى ئەڭ كىچىك ھالىتىدىمۇ ئۇچۇق كۆرگىلى
بولىدۇ. ئېكران يۈزى كۆڭۈلدىكى ھالىتىگە ياكى سۈزۈك ھالىتىگە تەڭشەلگەندىمۇ
كىچىك خەتلەرنى ئۇچۇق كۆرۈش مەقسىتى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
3. ھۆسنخەت نۇسخىلىرى
ئالاھىدىكى: ئاساسلىقى
گۈزەل-سەنئەت لايىھەچىلىكى، ئېلان سۆزلىرى، ماۋزۇ قاتارلىق ئىش تۈرلىرىدە
ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىش دائىرىسى ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ھۆسنىخەت
نۇسخىلىرىنىڭ ئىخچام ۋە يېقىشلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە
ھەرپ-بەلگىلەر؛ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى، قازاق لاتىن يېزىقىدىكى بىر قىسىم
ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا 400 دانە
ھەرپ-بەلگىلەرلا كىرگۈزۈلدى.
بالىلارنىڭ قول كۆندۈرۈپ
مەشىق قىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان UKIJ Elipbe نامىدىكى تۆت خىل خەت
نۇسخىسىغىلا ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە كىرىل يېزىقىدىكى ھەرپ-بەلگىلەر
قوشۇپ قويۇلدى. ھەم ئۆرنەك رەسىمدە كۆرسىتىلدى.
UKIJ Tughra دېگەن خەت
نۇسخىسىغا ھەر خىل شەكىللەر، نەقىشلەر، ھۆسىنخەتلەر، شەرتلىك بەلگىلەر
كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، http://unicode.org كود ئورنى بېرىلگەن بەلگىلەرگە ئۆز
كودى بويىچە كود نومۇرى كىرگۈزۈلدى، كود ئورنى يوق بەلگە-شەكىللەر خەت
نۇسخىسىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىگە ئىختىيارى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىشلەتكۈچىلەر
لازىملىق بولغان بەلگە-شەكىللەرنى يېزىق بىرتەرەپ قىلىش يۇمشاق
دېتاللىرىنىڭ ھەرپ-بەلگە قىستۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىتەلەيدۇ.
UKIJ
Orxun-Yensey خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرلار مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە مىلادىدىنىڭ
ئالدىلىرىدا ئىشلەتكەن ئورقۇن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپ-بەلگىلەر بىلەن
ياسالغان بولۇپ، http://unicode.org دىكى كود ئورۇنلىرى ئاساس قىلىنماي،
كىرگۈزۈشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن لاتىنچە ئاساسىي رايونغا
ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىشلەتكۈچىلەر كۇنۇپكا تاختىسىدىن بىۋاستە كىرگۈزۈش ۋە
ھەرپ-بەلگە قىستۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىتەلەيدۇ.
4. Mac OS X ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان خەت نۇسخىلىرى
سەۋىيىمىز چەكلىك، خالىس ھەمكارلىشىدىغانلار ئاز، مەبلەغ ۋە ۋاقىت قىس بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن فونتلاردا ھەر خىل كەمچىللىكلەر ساقلانغان بولىشى مۇمكىن. ئەگەر، بايقىسىڭىز http://www.ukij.org/uey/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&t=326#1518 گە پىكىر يېزىپ خەۋەر قىلغايسىز.
يۇقىرىدىكى خەت نۇسخىلىرى بېكىتىمىزگە چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ UKIJ غا تەۋە بولۇپ خەلقئارالىق LGPL ئىجازەتنامىسى (http://www.gnu.org/licenses/lgpl.html) بىلەن تارقىتىلدى. بۇ دېگەنلىك، ھەر قانداق كىشى بۇ خەت نۇسخىسىلىرى ھەقسىز ئىشلىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىق ۋەياكى ھەقسىز مەھسۇلاتلىرغا قوشۇپ تارقاتسا بولىىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئىشلەتكۈچىلەرگە ئەڭ يېڭى ھەم ئىشەنچلىك خەت نۇسخىسى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن باشقا تور بېكەتلەردىكى ئۇلىنىشلارنىڭ http://www.ukij.org/fonts غا قارىتىلىشىنى سورايمىز.
2- ۋە 3- قېتىملىق خەت نۇسخىلىرىنى تۈزەش پائالىيىتىدە مىننەتسىز ئالاھىدە
خىزمەت كۆرسەتكەن تۇرسۇنجان سۇلتان ئەپەندىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.
خەت نۇسخىلىرىنى Unicode ئۆلچىمىدە ئۆزگەرتىپ ياساپ بىرلىك ئۈچۈن
كۆپچىلىككە سوۋغات قىلغان يۇقىرىدىكى جەدۋەلدە ئىسمى بار بارلىق
شەخىسلەرگە؛ خەت نۇسخىلىرىنى سىناپ قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىمىغان بىلىك،
نۇرقۇت، ئىنتىل قاتارلىق تور بېكەتلىرىدىكى تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەققىدە:
ئەسلى ئاپتورلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ نامىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۇق. نارازىلىق ياكى تۈزىتىش پىكىرى بارلار گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر بىلەن ئالاقىلاشسا، ياكى راستچىللىق بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تۈنجى قېتىم ياسىغانلار تىزىملىكىگە قوشسا بولىدۇ، يۇقىرىدىكى «ياسىغۇچىلار» دا ئىسمى يېزىلغان كىشىلەرنىڭ نامى تۆۋەندىكى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن تۇنجى قېتىم ياسىغانلار تىزىملىكىدە بولمىسا Unicode قا ئايلاندۇرۇپ ئۆزگەرتىپ ياسىغۇچىلار دەپ قارىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى فونتلارنىڭ ئىچىدە ئەرەب ۋە پارىسچە ۋە باشقا فونتلار ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فونتلار بار، ئەڭ بۇرۇن ياسىغۇچىنى بىلىدىغانلار بولسا (مەيلى يۇنىكود ئىشلەتكەن ياكى ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ) گۈۋاھلىق بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز، گۇۋاھلىق بېرىلمىگەنلىرى بىردەك ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن فونتلار دەپ قارىلىدۇ.
شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، تۈنجى قېتىم ياسىغانلارنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بىرلىك ئۈچۈن پايدىلىق فونتلارنى ئۆزگەرتىپ ئىشلەش نومۇس ئەمەس، يالغاندىن «تۇنجى قېتىم ياسىغان» بولىۋېلىش ياكى باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى باشقا نامدا ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش نۇمۇس. UKIJ دەلىل ئىسپات ياكى گۈۋاھچىسىز «تۈنجى قېتىم ياسالغان» فونتلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەم ئۆزگەرتىپ ياسىغۇچى دەپ قارايدۇ.
UKIJ كومپيۇتېر ساھەسىدىكى بارلىق تەتقىقاتچى، ھەۋەسكارلارنى ئۆلچەم ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى يار برىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئۈچۈن ئۆلچەمسىز خەت نۇسخىسى ۋە ئۆلچەمسىز كىرگۈزگۈچ تارقىتىشنى توختىتىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ كەسپىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈشكە چاقىرىدۇ (بۇ ئۇچۇرلارنى باشقا بېكەتلەردىمۇ خەۋەر قىلىپ قويغايسىز).
تۈنجى قېتىم ئۇيغۇرچە فونت ياسىغان تۆۋەندىكى شەخسلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز
ئەسلىيە نۇسخىسى: 1998-1999- يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر فاكۇلتىتى 94- يىللىق 2- سىنىپتىكى خەتتات ۋە كومپيۇتېرشۇناس تۇيغۇن ئوسمان ئەپەندى تۇنجى قېتىم ياسىغان. (گۇۋاھلىق بەرگۈچى: ۋارىس ئا. جانباز)
رۇقئى (ياكى كەسمە) نۇسخىسى: 1999—2000 يىللاردا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر فاكۇلتىتى 95- يىللىق 1- سىنىپتىكى خەتتات ۋە كومپيۇتېرشۇناس نىجات ئەپەندى تۇنجى قېتىم ياسىغان. (گۇۋاھلىق بەرگۈچى: ۋارىس ئا. جانباز)
UKIJ Esliye Chiwer, UKIJ Kufi Chiwer, UKIJ Chiwer Kesme بۇ 3 خەت نۇسخىسىنى 1999-2000- يىللادا مەرھۇم ئابدۇراھمان ئابدۇقادىر ئەپەندى تۇنجى قېتىم ياسىغان. (گۇۋاھلىق بەرگۈچى:ئالىم ئەھەت، ئابلىپىز دانا، مەمەتجان ئىلچى)
UKIJ Basma, UKIJ Tuz (Bold), UKIJ Zilwa, UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى: 1998-يىللىرى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىن ئالىم ئەھەت ئەپەندى تۇنجى قېتىم ياسىغان (باشقا خەت نۇسخىلىرى بولسا يەنە قۇشۇپ قويىلىدۇ، گۇۋاھچى: http://www.ukij.org/uey/modules.php?name=Forums&file=viewtopic&t=326#1498)
UKIJ Kufi خەت نۇسخىسى : 1997-يىلى ئۆكتەبىردە ھازىر جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىدا ئىشلەۋاتقان كومپيۇتېرشۇناس ئالىم ئابدۇللا ئەپەندى تۈنجى قېتىم ياسىغان. (ئىزاھات)
UKIJ Tuz Basma ،UKIJ Tuz Basma Bold ،UKIJ Ekran ،UKIJ Tor ،UKIJ Teng ،UKIJ Teng Bold ،UKIJ Orxun-Yensey ،UKIJ Orqun Basma ،UKIJ Orqun Yazma ،UKIJ Elipbe ،UKIJ Elipbe Bold ،UKIJ Eipbe Chekitlik UKIJ Elipbe ،Chekitlik Bold ،UKIJ_Mac Basma ،UKIJ_Mac Basma Bold ،UKIJ_Mac Ekran ،UKIJ_Mac Ekran Bold خەت نۇسخىلىرى : ئالپسوفت شېركىتىدىن تۇرسۇنجان سۇلتان ياسىغان. (ئىزاھات)
ئەسلى ئاپتورىنى راستىنلا بىلسىڭىز داۋاملاشتۇرۇڭ...
ئۇيغۇرچە فونتلارنىڭ بىرلىككە كېلىش تارىخى
UKIJ نىڭ 2.0 نۇسخىدىكى كونا فونتلىرىنى http://www.ukij.org/2011giche-ishletken-fontlar دىن چۈشۈرەلەيسىز
2004-يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلى
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى
بۇ بەت ياسالغان
ۋاقىت: 2004- يىلى 22- دېكابىر
ئاخىرقى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن ۋاقىت:
Legal notice: All fonts are distributed for free and released under
LGPL License
LGPL
and
Open Font License
Open Font
licenses.
We will not be liable for any loss or damage you suffer,
whether directly or indirectly, as a result of your use of third party software.
However, we guarantee the accuracy and/or reliability of the Uyghur Unicode
fonts. Contributions and suggestions are welcomed, please contact us.
Useful links:
- Official recommendation for the English transcription of the word
"ئۇيغۇر " / 《维吾尔》 (Uighur or Uyghur or Uigur or ...)
- Free Uyghur software for Mac
OS
- Web Development Considerations for Unicode-based Text Processing in Uyghur Language
© 2004 - 2011 Uyghur Computer Science
Association
http://www.ukij.org