Last updated by Emin Sulaiman on Wed, 2012年03月28日 04:15
Drupal CMS نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە بېكىتى ئىقتىسادىي پايدا يارىتىشنى كۆزلىمەيدىغان، Drupal CMS نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىشلىرىغا بېغىشلانغان خالىس تور بېكەت بولۇپ، كەڭ دوستلارنىڭ Drupal CMS غا بولغان تونوشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، Drupal CMS بىلەن تور بېكەت قۇرۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇش، Drupal CMS نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىشلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا پۇرسەت ۋە شەرت-شارائىت يارىتىش، Drupal CMS نى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۇنجى قېتىملىق Drupal نى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈچرىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقچى.
1. پائالىيەت ئورنى ۋە ۋاقتى:
ئۈرۈمچى شەرقىي يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتى 311-نومېر
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتى چارۋىچىلىق ئىنىستىتوتىدا.
ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 دىن 11 غىچە.
(دوكلات ۋە پائالىيەت ئورنى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.)
2. قاتنىشىدىغان ئادەم سانى:
ھازىرقى شەرت-شارائىتنىڭ چەكلىمىسى بىلەن 5-10 غىچە ئادەم(ھازىرچە 2 كومپيۇتېر بار، پرويىكسىيە ئاپاراتى يوق.)
بوش ۋاقتى بار، پائالىيەتكە ۋاقتىدا قاتنىشالايدىغان، Drupal CMS غا قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ دەرھال مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
- ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
ئېلخەت:
charwichi@yahoo.cn
QQ: 493623679
QQ空间:
http://493623679.qzone.qq.com
腾讯微博
http://t.qq.com/eminsulaiman
كىيىنكى قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆتھەرقايسى كومپيۇتېر تەربىيەلەش ئورۇنلىرى، شېركەت-كارخانىلار ۋە شەخسلەرنىڭ شەرت-شارائىت بىلەن تەمىنلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
http://www.drupaluyghur.org
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى
http://www.drupaluyghur.org/first-drupal-meetup