Drupal CMSنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى!

Events happening in the community are now at Drupal community events on www.drupal.org.
You are viewing a wiki page. You are welcome to join the group and then edit it. Be bold!
Posted by Emin Sulaiman on December 8, 2010 at 10:15am
Last updated by Emin Sulaiman on Wed, 2010年12月08日 10:15

يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان،Drupal CMS يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان،Drupal CMS بىلەن كۆپ ئېچىشىپ ،بۇگۇن ئاخىرى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى نورمال كۆرسىتىدىغان ۋە نورمال كىرگۇزىدىغان ھالەتكە ئەكەلدىم.
قىلغان ئىشلىرىمنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى مۇنداق:
1. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچىغا ئوخشاش ئوڭدىن-سولغا يېزىلىدىغان تىللارنى قوللايدىغان قېلىپ garland(ھازىرغىچە ‹ئۇسلۈب› دەپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ، مەن قېلىپ دەپ ئالدىم) نى تاللاپ، ئۇنىڭ cssھۆججىتىنى تەڭشىدىم،eotھۆججىتىنىڭ ئورنى، فونت نامىنى كۆرسىتىپ بەردىم.شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇرچە ھەرپلەر نورمال كۆرىنىدىغان بولدى.

  1. ئاندىن سېستىما تىل تۈرىنى تاللاش ئورنىدىن ئۇيغۇر تىلى دەپ يېڭى تۇر قوشۇپ ، يېزىق يۆنىلىشىنى ئوڭدىن-سولغا ئۆزگەرتتىم.cssھۆججىتىنى تەڭشەش ئۇچۇن كۆپ ئاۋارە بولىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، لىكىن ھازىرغىچە ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۇزمىدىم، تېما، يازما ۋە باشقا مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ئوڭدىن-سولغا يۆنىلىش بويىچە نورمال ھالدا كۆرىنىۋەردى-جۇمۇ! مۇشۇ چەتئەللىك پروگراممىرلار ھەقىقەتەن ئۇستا ھەم نوچىكەن، پروگرامما يازغاندا ھەممە ئىشلىتىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىشىپ ،مۇكەممەل يېزىشقا تىرىشىدىكەن.....

3.bedit.js ھۆججىتىنى قوشقاندىن كىيىن،تېما ۋە تۇر قاتارلىق ئورۇنلارغا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى نورمال كىرگۇزگىلى بولدى، لىكىن چاتاق يېرى يازما يازىدىغان رامكا ئىچىدە بەزى ھەرپلەرنىڭ ئورنىغا كاتەكچە چىقىۋالدى، بۇنىڭ سەۋەبىنى پەقەت بىلەلمىدىم. بېشىم قېىتىپ ،يەنە قايسى ھۆججەتلەرنى تەڭشەشنى بىلمىدىم.php,javascript لارنى تۈزۈك بىلمەيمەن، css نىمۇ كىتاپقا قاراپ تۇرۇپ، ئاز-تولا پايدىلاندىم. يەنە مۇشۇ يول بىلەن مېڭىۋەرسەم بولمىغىدەك دەپ ئويلاپ، ckeditor نى ئىشلىتىش قارارىغا كەلدىم. بۇرۇن مۇنبەردە fckeditor غا ئۇيغۇرچە كىرگۇزۇش توغرىسىدا تېما يوللانغان ئىدى، مەن تەڭشەپ تۇرغاندا بىلىك تورىدا بىر دوستىمىز تەڭشەپ تەييار قىلىپ ، يوللاپ قويۇپتۇ. خۇداغا شۇكۇر، كۆپ ۋاقىتم تېجەلدى ۋە ئەگرى يوللار قىسقاردى.شۇنداق قىلىپ، تەييار ckeditor نى قاچىلاپ باقسام، ھەممە ئىشلار نورمال، ھاياجاندا مۇشۇ خاتىرىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.(قوشۇمچە ھۆججەتلەرنى يوللاشقا مۇمكىن بولمىدى،ئەسلىدە بىر مۇنچە ئېكراندىن تۇتۇپ تارتىلغان سۇرەتلەر بار ئىدى....)

  1. Drupal نىڭ تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك سېستىما يادرولۇق ھۆججەتلىرى بىر دانە.po ھۆججىتىدە بولۇپ، wordpressنىڭ تىل ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلغانغا ئوخشاش ئۇسۇلدا poedit ياكى gettext دىگەندەك دېتاللار بىلەن تەرجىمە قىلىشقا بولىدىكەن.

  2. Drupal نىڭ كېڭەيتىلگەن ئىقتىدارلىرى ناھايىتى كۆپ ۋە مول بولۇپ، Drupal ئۆزىدىن باشقا 3-تەرەپ يازغان پروگراممىلار ناھايىتى كۆپ.

ھازىرچە مەن قوللانغان تەرجىمە لايىھەسى مۇنداق بولدى:
(بۇ لايىھە ھازىر Drupal ۋە Joomla نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە قوللىنىلىۋاتىدۇ....)

  1. ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى نورمال كۆرسىتىش باسقۇچى.
    بۇ باسقۇچتا Drupal نىڭ سېستىما تەمىنلىگەن ياكى 3-تەرەپ تەمىنلىگەن قېلىپ (ئۇسلۇب)تىن مۇۋاپىق بىرسىنى تاللاپ، ئۇنىڭ ھۆججەتلىرىگە eot ھۆججىتىنىڭ ئادرىسى ۋە ئۇيغۇرچە فونت نامىنى قوشۇش.
  2. ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى نورمال كىرگۇزۇش ئۇچۇن، Drupal نىڭ سېستىما تەمىنلىگەن ياكى 3-تەرەپ تەمىنلىگەن قېلىپ (ئۇسلۇب) ھۆججەتلىرىگە bedit.js ھۆججىتى قوشۇش.
  3. يازما يوللاش كۆزنىكىدىكى تەھرىرلەش رايۇنىغا 2-باسقۇچتا كۆرۇلگەن بەزى نورمالسىزلىقلارنى يېڭىش ئۇچۇن،باشقىلار تەڭشەپ، ئۇيغۇرچە كىرگۇزۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان تەھرىرلىگۈچckeditor قوشۇلدى.
  4. . Drupal نىڭ تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك سېستىما يادرولۇق ھۆججەتلىرى بىر دانە.po ھۆججىتىدە بولۇپ، مەزكۇر ھۆججەتنى سېستىما ئىچىدە تۇرۇپ، ئېھتىياج بويىچە ئۇدۇللۇق تەرجىمە قىلىشقا بولىدىكەن، ياكى باشقا يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمىدە ئايرىم تەرجىمە قىلىنىپ، سېستىما ئىچىگە ئېلىپ كىرگىلى بولىدىكەن.دەسلەپكى ستاتىستىكىلىق سانلارغا ئاساسلانغاندا تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك سۆز ۋە جۇملىلەر 3200ئەتراپىدا باركەن.
    ھازىر تەرجىمە قىلىشنى باشلاپ قويدۇم.
    [color=DeepSkyBlue]بۇ لايىھەدە يېتەرسىز يەرلەر بولسا ، كۆرسىتىپ قويۇڭلار، رەھمەت![/color]
    (داۋامى بار...)

Uyghur

Group organizers

Group notifications

This group offers an RSS feed. Or subscribe to these personalized, sitewide feeds:

AltStyle によって変換されたページ (->オリジナル) /